ss ss ss ss

نېفىت باھاسى 28 دوللارلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى
2016-02-19 17:40:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئامېرىكا – ياۋروپا پاي چەك بازارلىرى زوردەرىجىدە چۈشۈپ ، نېفىت باھاسنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى %3 دىن ھالقىپ 28 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۈزدى.

1-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ياۋروپا پاي چەك بازىرى %2لىك چۈشۈش بازار ئېچىلىپ، بېيجىڭ ۋاقىتى19:58 قىچە بولغان ئارىلىقتا ، ياۋروپا STOXX600 كۆرسەتكۈچنىڭ چۈشۈش مىقدارى %2.95 گە كېڭىيىپ 323.12 نوقىتا بىلەن بازاريېپىلدى. ھەمدە 200 ھەپتىلىك ھەرىكەتچان ئوتتۇرىچە سىزىقتىن (移动均线)چۈشۈپ، 2014-يىلى 12 –ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈپ قالدى. ئەنگىلىيە 100FTSE كۆرسەتكۈچى %2.99 ، فرانسىيە CAC 40كۆرسەتكۈچى%3.28 ، گېرمانىيە DAX كۆرسەتكۈچى %2.86 چۈشۈپ كەتتى.

كارخانلارنىڭ تاپاۋەت ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېقتىساتقا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيىتىۋەتتى. Zurich سۇغۇرتىسى ياۋروپا سۇغۇرتا پايلىرى ئىچىدە باش بولۇپ چۈشۈپ، بۇ شېركەتنىڭ سۇغۇرتا بۆلىمى ئىككىنىچى پەسلىدىمۇ زىيان تارتىش مۇمكىنچىلىك ئاگاھلاندۇرىشى بېرىلگەندىن پاي باھاسى % 8.7لىك چوڭ چۈشتى.Shell (壳牌) شېركىتىنىڭ بىلدۇرىشىچە ، نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ چۈشىشىگەئەگىشىپ ، شېركەتنىڭ پەسللىك پايدىسىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، پاي باھاسىمۇ %5.6چۈشۈپ كەتكەن. ئامېرىكا بانكىسى Seadrillنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، پاي باھاسىمۇ %17 چۈشۈپ كەتكەن.

پېڭبو ئاگنېتلىقى Lampe مەبلەغ باشقۇرۇش شېركىتى باشقۇرۇش دېرېكتورى Michael Woischneckنىڭ سۆزىنى مۇنداق نەقىل كەلتۇرگەن : بازار مۆلچەر مۇددىتى نېفىت باھاسى يەنىمۇ چۈشىدىغان بولۇپ، بۇ بازاردىكىئاساسلىق بېسىمىنى پەيدا قىلىدۇ. بىزھازىر نەخ پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ھېچنىمە سېتىۋالمىدۇق . چۈنكى بىز ئەھۋالىنى تېخىمۇئوساللىشىپ كېتەرمىكى دەپ قارىدۇق، ئەڭ ناچار بولغان ئەھۋال ئەستىدا ، يەنە %10چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن .

رېيتېرئاگىنېتلىقى ACIESمەبلەغ باشقۇرۇش شېركىتنىڭ سودىلاشقۇچىسى AndreasClenow نىڭ بىلدۇرىشىچە : كەلگۈسى 2-3 ئاي ئىچىدىكى پاي چەك بازىرىنىڭئىپادىسى ناھايتتى ناچار بولدىكەن ، ئەمما 2008-يىلىدىكىدەك ئەھۋال كۆرۇلمىسىمۇ ،ئېيىق بازىرى ھەقىقەتەن يېتىپ كېلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا S&P 500 Index(标普500) كۆرسەتكۈچلۈك قەرەللىك مالمۇ %1.99 چۈشۈپ، 1835.75 نوقتا بىلەنبازار يېپىلغان. Nasdaq(纳斯达克) كۆرسەتكۈچلۈك قەرەللىك مالمۇ %2.17 چۈشۈپ 4054.38 نوقتا بىلەنبازار يېپىلغان.

WTI نېفىت باھاسى %3.5 چۈشۈپ ھەربىر توڭ نېفىتنىڭ باھاسى 28.55 دوللاربىلەن بازار يېپىلىپ، 2014-يىلى 7-ئايدىكى يۇقىرى نوقتىدىن %75 چۈشۈپ كەتكەن.بىرۇنت خام نېفىت %3.32 چۈشۈپ 2003-يىلى 9-ئايدىن بېرى تۈنجى قېتىم 28 دوللارلىقئۆتكەلدىن چۈشۈپ ، 27.81 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان.

خەلقئارائېنىرگىيە مەھىكىمىسى (IEA) 19-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرستىلىشىچە، دۇنيا نېفىت ئېھتىياجى كېمەيگەنلىكى ۋە ئېراننېفىت ئىمبارگۇسىنىڭ بېكار قىلىنىشى قاتارلىقلار قۇشۇلۇپ يەرشارى نېفىت بازىرىھەددىن زىيادە تويۇنۇپ كەتكەچكە، 2016-يىلى نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشۈشىشى مۇمكىن ئىكەن.ئېلگىرى،ۋال سچىرىت كوچىسىدىكى پاراڭلار تورىدا جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش تەسىرىدە ،خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھىكىمىسى (IEA) 2016-يىلى خام نېفىت ئېھتىياجىغا بولغان مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلغى ،ھەمدە بۇ يىلقى نېفىت ئستىمالنىڭ ئۆرلىشى %1.3 تۆۋەنلەپ ، كۈندىلىك ئستىمالمىقدارى 1 مىلىيۇن 200 مىڭ تۇڭغا چۈشىدىغانلىغى مۆلچەرلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، IEA نېفىت ئىشلەپچىقىرشتەشكىلاتىغا(OPEC)ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. گەرچە2016-يىلى بۇ دۆلەتلەرنىڭ نېفىت تەمىنلەش ئەھۋالى كۈنىگە 600 مىڭ تۇڭغا چۈشۈپ قالسىمۇ ، ئەمما ئېراننىڭ نېفىت بازىرىغا قايتىپ كېلىشىنى نەزەرگە ئالغاندە ، بۇبوشلۇق بەلكىم بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تولۇقلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئومۇمەن،بۇيىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، يەرشارىدىكى ئېشىنچە نېفىت كۈنىگە 1.5 مىلىيۇن تۇڭغا يېتىدىكەن.

WTI نېفىت باھاسى يۈزلىنىشى

Brentنېفىت باھاسى يۈزلىنىشى

20 – چېسلا ، شىياڭگاڭ خېڭ شېڭ (香港恒生) كۆرسەتكۈچى 19000 پۈتۈن نوقتىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ چۈشۈپ، 42 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نوقتىغا كېلىپ قالغان.ياپون ئقتىساد كۆرسەتكۈچى (日经) %3.7 ، بازار يېپىلغاندا،ئېلگىركىسى بىلەن سېلشتۇرغاندا %20 چۈشۈپ كېتىپ، تېخنىكىلىق جەھەتتن « ئېيىق بازىرى» غا كېرىپ بولغان. كورىيە پاي بازرى، سنگاپور پاي بازارلىرنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىمۇ زورايغان؛ شاڭخەي پاي ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچىمۇ %1 چۈشۈپ كېتىپ، 3000نوقىتنى ساقلاپ قالالمىغان.

ئالدىنقى مەزمۇن: رۇسىيەنىڭ 2015-يىللىق تاشقى قەرزى %14 ئازلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 11 ئايدا 12.44 مىليون ئابونتنى قولدىن بېرىپ قويدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号