ss ss ss ss

خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى پۇل سىياسىتى ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
2016-02-19 17:32:35   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

      خەلق پۇلى SDR پۇل سېۋىتى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى مۇھىم بىر قەدەم باسقۇچ دەپ قارىلىدۇ، خەلق پۇلنىڭ خەلقئارالىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسىر كۈچ بىلەن تونۇش دەرىجىسىنىڭ رولىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لېكىن، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى سىياسىتى، بولۇپمۇ پۇل سىياسىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ۋە شياڭگاڭ خەنزۇتىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو پۇل- مۇئامىلە مۇقىملىقى بىلەن ئۆي - زېمىن خەۋپ - خەتەر» مۇنبىرىدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭيىپىڭ خەلق پۇلنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ پۇل سىياسىتىنى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا بازارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە ھازىرقى پۇل سىياسىتىنىڭ بىر قىسىم ئۈنۈمىنى بىكار قىلىدۇ.

خۇاڭيىپىڭ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى خەلق پۇلى خەلقئارا بازاردا چىقىم قىلىش، باھا ھېسابلاش ۋە زاپاس قىممەت قاتارلىق بۇ ئۈچ چوڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. 2009 - يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، جۇڭگو مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ سودا راسچوتى باشلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى بىرقەدەر زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش:

ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛

بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4753 يۈەن؛

ئالدىنقى مەزمۇن: 12-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
كېيىنكى مەزمۇن: OPEC داۋاملىق مەھسۇلات مىقدارىغا چەك قويماسلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号