ss ss ss ss

ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ يۈكى يېنىكلىدى
2016-01-16 01:52:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

   

 مۇخبىر رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇلتۇر 26 – ئاۋغۇستتىن بۇرۇن تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر بۇ يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدىغان بولۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتتە قەرز ئالغانلار (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ قەرز قايتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتى بۇلتۇرقى %3.75تىن %2.75كە تەڭشىلىدىكەن؛ بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتتە قەرز ئالغانلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %4.25تىن %3.25 كە تەڭشىلىدىكەن. ئېلىمىزدە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 2015 – يىلى تۆت قېتىم تەڭشەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. بۇ يىل 1 – ئايدىن باشلاپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمى يەنىمۇ يېنىكلەيدىكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-01/11/content_486717.htm

ئالدىنقى مەزمۇن: پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئومۇمىي ئەھۋالى
كېيىنكى مەزمۇن: ئالما شىركىتى تاپشۇرغان باج 3-كەسىپ ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号