ss ss ss ss

چاۋشيەن ئاياغچىلىق ساھەسىدىكى تۈۋرۈكلۈك كارخانىغا زىيارەت
2018-05-05 19:32:29   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=a06449s41s0&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، چاۋشيەندە «بارلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قىلىش» يېڭى سىتراتېگىيەلىك نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن چاۋشيەندىكى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە يېڭى تىجارەت ئىدىيەسى كىرگۈزدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى چاۋشيەن ئاياغچىلىق كەسپى تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈكلۈك كارخانا--ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىلى باردى.

ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتى پيوڭياڭ شەھىرى پوسوڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 1988-يىلى قۇرۇلغان، چاۋشيەندىكى تۇنجى قۇيما پىلاستىك تەنھەرىكەت ئايىغى زاۋۇتى. ئەسلىدە بۇ زاۋۇت چەتئەلدىكى چاشيەنلىك مۇھاجىرلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان، كېيىن تىجارىتى ياخشى بولماي باشقۇرغۇچىسى بىر نەچچە قېتىم ئالماشقان، ئاخىرىدا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئىن يىخۇڭ بۇ زاۋۇتنىڭ باش ئېنژىنېرى. ئۇ: «زاۋۇتتا ئىلگىرى ئىمپورت قىلىنغان كونا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلىتىلىپ ئاساسلىقى پاسونى بىر خىللا لاتا ئاياغ ۋە تەنتەربىيە ئايىغى ئىشلەپچىقىرىلاتتى. گەرچە ئەرزان، چىداملىق بولسىمۇ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە لاھىيەلىنىشى چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى» دېدى.

2017-يىلى ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتى دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتىدە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ چاۋشيەنلىك تېخنىكلار ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپلىق ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى كىرگۈزۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرىلىتىلدى. ئىن يىخۇڭ تونۇشتۇرۇپ: «يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى پيوڭياڭ ئاياغ ماشىنىسازلىق زاۋۇتى ۋە ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتىنىڭ تېخنىكلىرى ھەمكارلىشىپ لاھىيەلىگەن ۋە ياسىغان. مەشغۇلاتى ئاپتوماتلاشقان، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ھەر كۈنى 2000 جۈپ ئاياغ ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليون جۈپكە يېتىدۇ» دېدى.

مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر ئامال ئېلېكتر كۈچى كاپالىتى. 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتى قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشقا باشلىدى، زاۋۇتنىڭ ئۆگزىسىگە 1200دىن كۆپرەك قۇياش ئېنېرگىيىەسى باتارېيە تاختىسى ئورنىتىلىپ زاۋۇتنىڭ %80 توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئاياغنىڭ پاسونىنى لاھىيەلەشمۇ مۇھىم ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن زاۋۇتتا مەخسۇس لاھىيەلەش بۆلۈمى قۇرۇلدى. شىم ئۇنسىن ريۇۋون ئاياغچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئاساسلىق لاھىيەلىگۈچىسى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل زاۋۇتتا لاھىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ قاتناشقان لاھىيەلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر ھەپتىدە 10 نەچچە خىل يېڭى پاسون لاھىيەلەيدۇ.

2017-يىلى بۇ بۆلۈم 200 نەچچە خىل يېڭى پاسوندىكى ئاياغنى لاھىيەلەپ چاۋشيەنلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شىم ئۇنسىن: «لاھىيەلىگەندە دۇنيانىڭ مودا يۈزلىنىشىنى چۈشىنىشنى چاۋشيەن خەلقىنىڭ قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ چاۋشيەنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە لاھىيە بەرپا قىلىش كېرەك» دېدى.

بەزى ئاياغلار مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ، باھاسى 15 مىڭ چاۋشيەن ۋونى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 12 يۈەن).بەزى پۇتبول ئاياغلىرىنىڭ رەڭگى بىلەن پاسونى تېخىمۇ مودا بولۇپ، باھاسى 84 مىڭ چاۋشيەن ۋونى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 65 يۈەن).

ئاۋۋال دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ ئاندىن دۇنياغا يۈزلىنىش.

ئىن يىخۇڭ تونۇشتۇرۇپ: «نۆۋەتتە، زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار بىلەن ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج قاندۇرۇلىدۇ، بىر قىسىمى تۆۋەن باھادا باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىغا سېتىپ بېرىلىدۇ، يەنە بىر قىسىمى دۇكان، بازارلاردا سېتىلىدۇ، ئېرىشىلگەن پايدا ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن خەلقئارا بازاردا رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئالدىنقى مەزمۇن: گولدمان: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگولۇقلار ئاچقان كىيىم-كېچەك زاۋۇتى «رۋاندا ياسىمىچىلىقى»غا تۆھپە قوشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号