ss ss ss ss

گولدمان: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى
2018-05-05 19:32:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تورىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇلتۇردىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادى ماس قەدەمدە ئەسلىگە كېلىش ئەندىزىسىنى ئاچتى. ئەمما گولدماننىڭ بىر تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ماس قەدەملىك ئېشىش ۋەزىيىتى ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

گولدمان 3-ماي ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئىلغار كۆرسەتكۈچ (GLI)نىڭ ئوخشاش مەزگىلدىن ئېشىش سۈرئىتى 4-ئايدا %2.62كە تكۋەنلىگەن بولۇپ، 3-ئايدىكى %2.87تىن تۆۋەن بولغان. 

ھالقىسىمان نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئاستىلاش سۈرئىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك. 2-ئايدا گولدمان GLI كۆرسەتكۈچى %0.041 بولغان، 4-ئايغا كەلگەندە بۇ كۆرسەتكۈچ $0.026كە تۆۋەنلەپ، 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. 

بۇلتۇرقى كۈچلۈك ئېشىشتىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكى ئېشىش ۋەزىيىتىدە ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئامېرىكىنى مىسال قىلساق، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە شىركەتلەرنىڭ كەسپىي نەتىجىسى بىرىنچى پەسىلدە ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەمما ئامېرىكىدىكى پارچە سېىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلەپ، 3-ئايغا كەلگەندە ئەسلىگە قايتتى.

ئاتلانتا فېدراتسىيە زاپاز پۇل بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ سۇندۇرۇلغان يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %1.9 ئېشىپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پەسلىدىكى %3لىك كۆرسەتكۈچىن تۆۋەن بولىدىكەن. 

شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بۇ يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىماقتا. IMF ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان مۆلچەر دوكلاتىدا 2018-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادى %3.9 ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ يىل دۇنيا پايچېكى بازىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سودا مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا داۋاملىق ئاشىدىكەن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۈچلۈك ئېشىش كۈچىگە ئېرىشىش كۈچى، پايدىلىق بازار كەيپىياتى، بوشاشقان پۇل-مۇئامىلە ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كېڭەيمىچىلىك خاراكتېرىدىكى مالىيە سىياسىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئۇچرايدىكەن. 

ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك
كېيىنكى مەزمۇن: چاۋشيەن ئاياغچىلىق ساھەسىدىكى تۈۋرۈكلۈك كارخانىغا زىيارەت

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号