ss ss ss ss

ئامېرىكىدىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك
2018-05-05 19:32:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

Business Insiderنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى بۇ دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەرگە باغلىق ئىكەن. Business Insider ئىشسىزلىق نىسبىتى، ئوتتۇرىچە ھەپتىلىك ئىش ھەققى، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەمدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ ئۆلچەم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان چوڭ شەھەرلەرنى تاللاپ چىقتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغىنى نيۇيورك ئەمەس، شۇنداقلا ۋاشىنگتون، لوس ئانژېلېس ياكى سان فرانسىسكومۇ ئەمەس.

 

رەت تەرتىپتە 1- ئورۇندا تۇرغىنى سان خوسې

سان خوسې شەھىرى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر بولۇپ، سان فرانسىسكو قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى سان كلارا جىلغىسى (كرىمنېي جىلغىسى)غا جايلاشقان، سان كلارا ناھىيەسىنىڭ مەركىزى. سان فرانسىسكوغا ئوخشاشلا، چوڭ پەن- تېخنىكا كارخانىلىرى سان خوسېنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە قۇدرەتلىك ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەمىنلەيدۇ. سىسكو، Ebay ۋە PayPal قاتارلىق پەن- تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ باش شتابى سان خوسېغا تەسىس قىلىنغان. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017- يىلى 3-پەسىلدە سان خوسېدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 2297 ئامېرىكا دوللىرى بولغان 2016-يىلى سان خوسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.6كە يەتكەن، شۇ يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 مىڭ 820 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

 

رەت تەرتىپتە 2- ئورۇندا تۇرغىنى سان فرانسىسكو

سان فرانسىسكو شەھىرى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان پورت شەھىرى بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىلى، كالىفورنىيەدىكى نوپۇسى 4-كۆپ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. سان فرانسىسكو كرىمنېي جىلغىسىغا يېقىن بولۇپ، يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەتقىق قىلىش بازىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزىدۇر. بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 13 كارخانىنىڭ باش شتابى سان فرانسىسكوغا تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېلس فارگو بانكىسى، Gap ۋە Salesforce مۇ بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017- يىلى 3- پەسىلدە سان فرانسىسكودىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 1654 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇ يىل 2- ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %2.9 بولغان 2016- يىلى سان فرانسىسكونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.4 كە يەتكەن، شۇ يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ 132 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

 

رەت تەرتىپتە 3- ئورۇندا تۇرغىنى ئوستىن

ئوستىن شەھىرى ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا بۇ شىتاتنىڭ مائارىپ مەركىزى. ئوستىندا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كومپيۇتېر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرالغۇ تەننەرخى كرىمنېي جىلغىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا، كۆپلىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانىلارنى جەلىپ قىلغان بولۇپ، «كرىمنېي تېغى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. IBM، ئالما، گۇگېل، ئىنتېل، سىسكو، 3M  Ebay قاتارلىق شىركەتلەر بۇ شەھەردە تارمىقىنى تەسىس قىلغان. ئوستىن شەھىرىنىڭ يەنە «دۇنيانىڭ نەق مەيدان مۇزىكا ماكانى» دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوستىن شەھىرىدە يەنە كۆپلىگەن ئىلغار تىياتىرخانا، مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئوستىن شەھىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئامېرىكىدىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن 2017- يىلى 2- ئايدىن بۇ يىل 2- ئايغىچە بۇ شەھەردە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %3.7 ئاشقان. بۇ يىل 2- ئايدا ئوستىن شەھىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3 بولغان 2016- يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %4.9كە يەتكەن.

 

رەت تەرتىپتە 4- ئورۇندا تۇرغىنى سېئاتىل

سېئاتىل شەھىرى ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كانادا-ئامېرىكا چېگرىسىغا تەخمىنەن 174 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ شەھەر ئاۋىئاتسىيە، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، بىيو ئۇچۇر ئىلمى، گېن ئىلمى، يىراقتىن داۋالاش، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەر شارىدىكى ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى ئامازون شىركىتىنىڭ باش شتابى سېئاتىلغا تەسىس قىلىنغان. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، سېئاتىل شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 86 مىڭ 889 ئامېرىكا دوللىرى بولغان 2017- يىلى 3- پەسىلدە سېئاتىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 1445 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

 

رەت تەرتىپتە 5- ئورۇندا تۇرغىنى دېنۋېر

دېنۋېر شەھىرى كولورادو شىتاتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى. دېنۋېر شەھىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، كۆپلىگەن تۆمۈر يول غول لىنىيەسى ۋە تېز سۈرئەتلىك تاشيوللار بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. دېنۋېر شەھىرىنىڭ يېمەكلىك كەسپى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، چىكاكونىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ مال سويۇش ۋە گۆش پىششىقلاش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە بەش كارخانىنىڭ باش شتابى دېنۋېرغا تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە Chipotle Mexican Grill ناملىق زەنجىرسىمان ئاشخانا تىجارىتى كارخانىسى ۋە Molson Coors Brewing ناملىق پىۋا ئىشلەش كارخانىسى بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017- يىلى 3- پەسىلدە، دېنۋېردىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 1164 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇ يىل 2- ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.1 بولغان.

 

رەت تەرتىپتە 6- ئورۇندا تۇرغىنى ناشۋىللې

ناشۋىللې شەھىرى ئامېرىكا تېننېسسې شىتاتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا بۇ شىتاتتا مېمفېستىنلا قالسا 2- چوڭ شەھەر. ناشۋىللې شەھىرى ئامېرىكىنىڭ داۋالاش- سەھىيە، مۇزىكا، نەشرىيات ۋە قاتناش ترانسپورت كەسپىدىكى مۇھىم مەركەز، ئامېرىكىدىكى يېزا مۇزىكىلىرىنىڭ تارقالغان جايى. ناشۋىللې خەلقئارا ئايرودرومىدا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە قاتنايدىغان دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ھەمدە غەربىي ياۋروپا، شەرقىي ئاسىيا، كانادادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بار. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ داۋالاش- دورىگەرلىك شىركىتى HCAنىڭ باش شتابى ناشۋىللې شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە 2018- يىلى 2-ئايدا ناشۋىللې شەھىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %2.7 بولغان 2017- يىلى ناشۋىللې شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %3.4كە يەتكەن.

رەت تەرتىپتە 7- ئورۇندا تۇرغىنى داللاس

داللاس شەھىرى تېكساس شىتاتىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، فورت ۋورز، ئارلىڭتون بىلەن بىرلىكتە داللاس- فورت ۋورز مەركىزىي شەھىرىنى تەشكىل قىلغان، ئامېرىكىىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى 1-چوڭ مەركىزىي شەھەر. داللاس شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى نېفىت كەسپى، تېلېگراف كەسپى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى كەسپى، بانكا كەسپى ۋە ھاۋا ترانسپورتى كەسپىدۇر. بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 17 كارخانىنىڭ باش شتابى داللاسقا تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە AT&T ۋە غەربىي جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمۇ بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017- يىلى 2- ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە داللاس شەھىرىدە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %2.7 ئاشقان. 2016-يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 70 مىڭ 533 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

رەت تەرتىپتە 8-ئورۇندا تۇرغىنى بوستون

بوستون شەھىرى ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ كونا ھەمدە ئەڭ مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، بوستون شەھىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى ئالىي مائارىپ ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مەركىزى بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە نوپۇسنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى شەھەردۇر. بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ بىر قانچىسىنىڭ باش شتابى بوستونغا تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىباب ئېلېكترون شىركىتى ۋە لېبېرتى ئۆزئارا ياردەم سۇغۇرتا گۇرۇھىمۇ بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بوستون شەھىرىنىڭ 2016- يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 87 مىڭ 945 ئامېرىكا دوللىرى بولغان 2017-يىلى 3-پەسىلدە سېئاتىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 1367 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

رەت تەرتىپتە 9-ئورۇندا تۇرغىنى ۋاشىنگتون

ۋاشىنگتون شەھىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى، بۇ نام ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى جورج ۋاشىنگتوننىڭ ئىسمىغا ئاساسەن قويۇلغان، ۋېرگىنىيە شىتاتى ۋە مارىلاند شىتاتىغا يېقىن. ۋاشىنگتون ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئاپپاراتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يىغىلغان جاي، شۇنداقلا دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ باش شتابى تۇرۇشلۇق جايدۇر. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى 3-پەسىلدە ۋاشىنگتوندىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى 1394 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇ شەھەرنىڭ 2016-يىللىق كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 82 مىڭ 791 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

رەت تەرتىپتە 10-ئورۇندا تۇرغىنى شارلوت

شارلوت شەھىرى شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، «يېشىل شەھەر» دېگەن گۈزەل نامى بار. شارلوت شەھىرى ئامېرىكىنىڭ مۇھىت قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا كېۋەز، تاماكا، يەر ياڭىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى. بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 10 كارخانىنىڭ باش شتابى شارلوتقا تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا بانكىسى ۋە دۇكې ئېنېرگىيە شىركىتىمۇ بار. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2016-يىلى شارلوت شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3.4 ئاشقان. 2017- يىلى 2-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە شارلوت شەھىرىدە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %2.7 ئاشقان.

رەت تەرتىپتە 11- ئورۇندا تۇرغىنى ئورلاندو

ئورلاندو شەھىرى فلورىدا شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر بولۇپ، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزىدۇر. ئورلاندو شەھىرىدە يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكترونلۇق زاپچاس، راكېتا ماتورى قاتارلىق كەسىپلەر ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. ئورلاندو شەھىرىدە لوس ئانجىلىستىكى دىسنېي بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىسنېي باغچىسى بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئارام ئېلش، ساياھەت قىلىش شەھەرلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى 2-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە ئورلاندو شەھىرىدە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %3.5 ئاشقان. ئەمما 2017-يىلى 3-پەسىلدە بۇ شەھەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھەپتىلىك ئىش ھەققى ئاران 859 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

رەت تەرتىپتە 12-ئورۇندا تۇرغىنى ساكرامېنتو

ساكرامېنتو شەھىرى ساكرامېنتو ناھىيەسىنىڭ مەركىزى جايلاشقان يەر، شۇنداقلا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان يەر. گەرچە بايلىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان 1000 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ باش شتابى ساكرامېنتوغا تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساكرامېنتو شەھىرى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2016- يىلى ساكرامېنتو شەھىرىدىكى كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 53 مىڭ 249 ئامېرىكا دوللىرى بولغان شۇ يىلى بۇ شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %4 ئاشقان.

ئالدىنقى مەزمۇن: ‏«1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە بانكا بىرلەشمە ‏كارتىسى ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار %30 تىن ئارتۇق كۆپەيدى ‏
كېيىنكى مەزمۇن: گولدمان: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号