ss ss ss ss

جۇڭگو كارخانىسى موسكۋادا مېترو ياسايدۇ
2018-05-05 19:32:15   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇسنۇللىن مۇخبىرغا جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى (CRCC) نىڭ 5-ئايدا موسكۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۈچ مېترو بېكىتى سېلىش قۇرۇلۇشىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ پۈتكۈل رۇسىيە بويىچە چەت ئەل كارخانىسى قاتناشتۇرۇلغان تۇنجى مېترو قۇرۇلۇشى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ بۇنداق مىسال كۆرۈلۈپ باقمىغان. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، جۇڭگونىڭ مېترو قۇرۇلۇشى ئۈنۈمىنىڭ يىراق-يېقىنغا داڭقى بار، باشقا دۆلەتلەر ئاسانلىقچە يېتەلمەيدۇ. 2016-يىلى يەر ئۈستى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريولىنى قوشقاندا، موسكۋادا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن شەھەر ئىچى تۆمۈر يولى ۋە مېترو مۇساپىسى 78 كىلومېترغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جۇڭگونىڭ ئارقىدا تۇرىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/03/035194237.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى چۈشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ‏«1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە بانكا بىرلەشمە ‏كارتىسى ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار %30 تىن ئارتۇق كۆپەيدى ‏

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号