ss ss ss ss

ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى چۈشتى
2018-05-05 19:32:06   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

(ماتېرىيال سۈرەت)


  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن مۇناسىپ ھالدا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن چۈشتى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقاتقان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قوشۇلما قىممەت بېجى نسبىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم ساھە ۋە ماللاردىن ئېلىنغان قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەييار ماي قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى %17تىن %16كە تۆۋەنلىگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دېزىل مايلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر توننىسىنىڭ ئايرىم -ئايرىم ھالدا 75 يۈەن ۋە 65 يۈەن چۈشكەن.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىتلىكى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسى سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى نېفىت تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ماي باھاسى مۇناسىپ ھالدا چۈشكەن.

  ئۈرۈمچى رايونىدا ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ھەر لېتىر 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 7.01 يۈەندىن 6.95 يۈەنگە 95-نومۇرلۇق بېزىننىڭ باھاسى 7.54 يۈەندىن 7.47 يۈەنگە 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 8.45 يۈەندىن 8.38 يۈەنگە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ باھاسى 6.61 يۈەندىن 6.56 يۈەنگە چۈشكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/03/035194047.shtml

ئالدىنقى مەزمۇن: نۇرفى شىركىتى ۋاكالەتچىلەرنى ئىككى مىليون قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو كارخانىسى موسكۋادا مېترو ياسايدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号