ss ss ss ss

نۇرفى شىركىتى ۋاكالەتچىلەرنى ئىككى مىليون قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلىدى
2018-05-05 19:32:06   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىدىكى شەرىق شامىلى خوندا ئاپتوموبىل سېتىش ئورنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ كەتتى. بۇ كۈنى شىنجاڭ نۇرفى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇسرەت خانىم، غەيۇر ئەپەندى غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سەككىز نەپەر ئالىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھەر بىرىنى 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى خوندا ئاپتوموبىلى بىلەن مۇكاپاتلىدى. 

شىنجاڭ نۇرفى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى داڭلىق ماركا بولغان VENKI ماركىسىدىكى سۇ تولۇقلاش نۇرلاندۇرۇش يۈز چاپلىقىنى شىنجاڭ بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن پەخىرلىك شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، VENKI ماركىسىدىكى سۇ تولۇقلاش نۇرلاندۇرۇش يۈز چاپلىقى ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى بىلەن قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، تېز تەرەققىي قىلدى.

بۇ قېتىم ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلانغان ۋاكالەتچىلەر نۇرفى شىركىتىنىڭ سېتىش چېمپىيون گۇرۇپپىلىرى بولۇپ، باش شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن خۇش بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولغان VENKI ماركىسىدىكى سۇ تولۇقلاش نۇرلاندۇرۇش يۈز چاپلىقىنى بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ ئالدىن تاللايدىغان سادىق ھەمرايىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ نۇرفى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ VENKI ماركىسىدىكى سۇ تولۇقلاش نۇرلاندۇرۇش يۈز چاپلىقىغا قىزىقىدىغان ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا نۇسرەت خانىمنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالسا بولىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: گېرمانىيە شەھەر سىرتىدىكى ئۆيلىرىنىڭ بىر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 38 مىڭ يۈەندىن ئاشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى چۈشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号