ss ss ss ss

دۇنيادىكى كىشى بېشى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئۈچ دۆلەت
2018-05-05 19:31:48   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


بېيجىڭ ياشلار تورى 1-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىز ئادەتتە تولا ئاڭلايدىغان GDP دەل بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا دۇنيادا بۇ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر قايسىلار؟ بۇ كۆرسەتكۈچتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ھەرگىزمۇ ئەڭ كۈچلۈك سانىلىدىغان ئامېرىكا ۋە ياكى ئەڭ زەردارلاردىن سانىلىدىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېگەن دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى ليۇكسىمبۇرگ، شىۋېتسارىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىن ئىبارەت.

1.ليۇكسىمبۇرگنىڭ 2017-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى 107مىڭ 708 دوللار بولغان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 727 مىڭ 626 يۈەنگە باراۋەر كېلىدۇ. ليۇكسىمبۇرگ گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ پارىژ ۋە گېرمانىيەنىڭ فرانكىفورت شەھەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياۋروپانىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى ئىزچىل تۈردە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا كوچا ئاپتۇبۇسى شوپۇرىنىڭ مۇئاشىمۇ 3000 ياۋرو (23 مىڭ يۈەن)دىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتە باج باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا، بۇ دۆلەتتە خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىكلەر بۇ دۆلەت كىشىلىرىدىنمۇ كۆپ. ليۇكسىمبۇرگتا ھەشەمەتلىك ماشىنىلارمۇ ئىتايىن كۆپ بولغاچقا، بېنىز قاتارلىق ئېسىل ماشنىلارنى ھەيدەپ كوچىغا چىقسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى باي دەپ ئويلىمايدۇ.

2.شۋېتسارىيەنىڭ 2017-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 مىڭ 836 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 546 مىڭ 132 يۈەن بولىدۇ. شۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق دۆلەت، بۇ دۆلەت ئالپىس تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆللەرمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇ دۆلەتتە ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، كوچىلاردا رىم ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق چېركاۋلار ناھايىتى كۆپ. شۋېتسارىيە قار تېيىلىش مەنزىلى سۈپىتىدە دۇنياغا داڭلىق بولۇپلا قالماستىن، شۋېتسارىيە قول سائىتى ۋە شاكىلاتلىرىمۇ يەتتە ئىقلىمغا تونۇلغان. بانكا بىلەن پۇل-مۇئامىلە بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، شىۋېتسارىيە دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى.

3.نورۋېگىيەنىڭ 2017-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 73 مىڭ 615 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 497 مىڭ 343 يۈەنگە باراۋەر كېلىدۇ. نورۋېگىيە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ، ئەركىن بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلىشىشىنىڭ تىپىك مىسالى. نورۋېگىيە يەنە ھازىرقى زامان دۆلەت پاراۋانلىقىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ، يۇقىرى پاراۋانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان «شىمالىي ياۋروپادىكى تۆت دۆلەت»نىڭ بىرى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ياۋروپادىكى 18 دۆلەتنىڭ دەسلەپكى ئىش ھەققى تەرتىپى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان رۇسىيەدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئوڭۇشلۇق ‏ئىش باشلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号