ss ss ss ss

دۆلتىمىزدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى
2018-05-01 18:35:11   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 شىركەتنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدىن 115 شىركەت بۇ تىزىملىككە كىرگەن، بۇ شىركەتلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ پۇل تاپالايدىغان شىركەتلەر توپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك شىركەت قاتارىغا كىرگەن بۇ شىركەتلەرنىڭ دۆلتىمىزدىكى ئەڭ پۇل تاپالايدىغان شىركەتلەر بولۇشى، شۇنداقلا بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەر بولۇشى ناتايىن.

جۇڭگو كاپىتال بازىرىدا شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ بازار قىممىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ھەمىشە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ شىركەتنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا بۇ شىركەتنىڭ شۇنچىلىك پۇلغا يارايدىغانلىقىغا ۋە قىممىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، دۆلىتىمىزدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى (يەنى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان) شىركەتلەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلەرگە تارقالغان؟

ئالاقىدار ئورۇنلار پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بازار قىممىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەرنى باھالاپ چىقتى. تۆۋەندىكىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى باشلامچى كارخانا-شىركەتلەرنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى ۋە ئۆلكىلەرنىڭ رەت تەرتىپى:

ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەر

جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بازار قىممىتى ئىككى تىرىليون يۈەندىن ئاشقان، دېمەك ئۇ دۆلىتىمىزدىكى شىركەتلەرنىڭ خوجىئاكىسى بولۇپ، «كائىناتتىك بىرىنچى بانكا» دېگەن نامىغا ھەقىقەتەنمۇ ماس كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭمۇ تەبىئى ھالدا بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتكە ئىگە بولغان شەھەر بولۇپ قالغان.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسى شىركىتى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بازار قىممىتى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقان، گەرچە بازار قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ يېرىمىچىلىك بولمىسىمۇ، بىراق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇپ، ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

گۇيجۇ ماۋتەي گۇرۇھى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بازار قىممىتى 700 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ماۋتەي ھارىقىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەچكە، ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشقان، شۇنداقلا گۇيجۇ ئۆلكىسىنى دۆلىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، شاڭخەي ۋە جېجىياڭدىن ھالقىغان.

شاڭخەيدىكى قاتناش بانكىسى تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بىراق شاڭخەي بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېنلار بىلەن تەڭ قاتاردا بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئارانلا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئېنىقلا ئارقىدا قالغان.

بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى خەيكاڭ ۋېيشى گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتى بىراقلا ئۆرلىگەن، بۇ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بازار قىممىتىمۇ جېجىياڭ ئۆلكىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ما يۈننىڭ ئەلى بابا گۇرۇھىمۇ جېجىياڭ ئۆلكىسىدە بولسىمۇ، بىراق ئەلى بابا گۇرۇھى پاي چېكىنى ئامېرىكىدا بازارغا سالغان بولغاچقا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن.

سۈرەتتە: ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ پاي چېكى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى.


يۇقىرىدىكى بەش ئۆلكە-شەھەردىن باشقا فۇجىيەن ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن، چۈنكى بۇ ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىردىن بازار قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى باشلامچى شىركەتلەر بار.

ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ سودا سوممىسى 500 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ما يۈن يېڭى دەۋدىكى كارخانىچىلارغا مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بەردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号