IT ئائىلىسى تورى 29-مارت خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:بۈگۈن روڭچۇاڭ جۇڭگو نەتىجە ئېلان قىلىش يىغىنىدا
،
سۇن خوڭبىن: لېشى تىپىك مەغلۇب بولغان مەبلەغ سېلىش بولدى
،
جەمئىي سېلىنغان 16 مىليارد 500 مىليون قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دېدى.ئۇنىڭدىن «لېشىنىڭ پېيىنى سېتىۋالىدىغان ئادەم تاپامسىز
؟
» دەپ سورالغاندا
،
سۇن خوڭبىن مۇنداق دەيدۇ: سوراپ بېقىڭ! كىم لېشىنىڭ پېيىنى ئالماقچى بولسا
،
باھاسىنى چۈشۈرۈپ بېرىمەن
،
توققۇز ئۈلۈش. ئەگەر ھەقىقىي ئېلىش نىيىتى بولسا يەنە مەسلىھەتلەشسەك بولىدۇ. پۈتۈشۈپ قالساق بازار بويىچە بولىدۇ. مېنىڭمۇ باھاسىنى چۈشۈرگۈم بار
،
ئامال يوق پۇل قاتاي دېسەممۇ قاتقىلى بولمايدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ راستلا ئېلىش نىيىتى بولسا مېنى ئىزدىسۇن
،
باھاسىدا ئوبدان كېلىشىپ قالىمىز. بىراق باھاسى مۇۋاپىق بولمىسا مەنمۇ ساتمايمەن.سۇن خوڭبىن لېشىنى مەغلۇب بولغان مەبلەغ سېلىش دەپ ئۇدۇللا ئېيتتى: 16 مىليارد 500 مىليون زىيان تارتتىم. قول-بىلەك ئەمەس بېشىم ئۈزۈلدى.بۇ تىپ ئۆزگەرتكەننىڭ بەدىلى. مەدەنىيەت بولسا شېئىر
،
ساياھەت بولسا يىراق مەنزىل. بىزنىڭ مەبلەغ سالىدىغىنىمىز شېئىر ۋە ساياھەت ئىدى.يېڭى لېشى ئەقلىي ئۆي جاھازىلىرى لېشى تورىنىڭ %40 پاي ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ
،
بىراق لېشى تورىنىڭ ئۇنىڭغا قىلچىلىك پايدىسى يوق. ئەمما بىز مەبلەغ كۆپەيتسەك بولىدۇ
،
ھەمكارلاشقۇچى تاپالىساقلا بۇ شىركەتتىن يەنە ئۈمىد بار.لېكىن لېشى تورىغا نېمە دەي! مەن يەنە 10 مىليارد بېرىپ ساراڭ بولۇپ قالمىدىم.روڭچۇاڭ جۇڭگو 29-مارت ئەتتىگەن 2017-يىللىق نەتىجىسىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ
،
ئالدىنقى يىلى بازارغا سېلىنغان پاي چەكلەرنىڭ ساپ پايدىسى 11 مىليارد يۈەن بولغان. ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %344 ئاشقان. لېشىغا مەبلەغ سالغان 16 مىليارد 560 مىليون يۈەن زىيانغا كەلسەك
،
روڭچۇاڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ
،
مالىيە لېشىغا ئالاقىدار سەلبىي تەسىرنى تولۇق ئويلاشتى
،
كەلگۈسىدە كۆپچىلىك لېشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئۇنتۇپ كەتسە بولىدۇ دېدى.