ss ss ss ss

ئامازون شىركىتىنىڭ پايچېكى داۋاملىق چۈشۈپ بازار قىممىتى زور ئازلاپ كەتتى
2018-03-30 11:41:50   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

cnbeta تورى 29-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەيشەنبە كۈنىدىكى پاي بازىرىدا باھاسى 58.81 دوللار چۈشكەندىن كىيىن، ئامازون پايچېكى چارشەنبە كۈنى داۋاملىق چۈشتى. چۈشۈش نىسبىتى %7.4 گە يېتىپ، بازار قىممىتى 70 مىليارد دوللار ئازىيىپ كەتتى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پاي بازىرى يېپىلغاندا، ئامازوننىڭ پايچېكى باھاسى 1431.42 دوللاردا توختاپ، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىكى 1497.05 دوللاردىن 65.63 دوللار تۆۋەنلەپ كەتتى، چۈشۈش نىسبىتى %4.38 بولدى.

چارشەنبە كۈنىدىكى سودىدا، ئامازون پايچېكى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1386.17 دوللارغا چۈشۈپ، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىكىدىن 110.88 دوللار چۈشتى، چۈشۈش نىسبىتى %7.4 بولدى. پايچېكى باھاسى چۈشكەندىن كىيىن، ئامازوننىڭ بازار قىممىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى.

چارشەنبە كۈنى بازار يېپىلغاندا، ئامازوننىڭ بازار قىممىتى 692.96 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ، دۇنيادىكى بازا قىممىتى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شىركەت بولۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى. گۇگول ئانا شىركىتى ئالفابېتنىڭ بازار قىممىتى 698.899 مىليارد دوللار بولۇپ، ئامازوننىڭكىدىن 5.939 مىليارد دوللار ئېشىپ، قايتىدىن بازا رقىممىتى ئالما شىركىتىدىنلا كىيىن تۇرىدىغان 2-چوڭ شىركەتكە ئايلاندى، ئامازون 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئامازون پەقەت بىر ھەپتىلا بازار قىممىتى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت بولالىدى.

پايچېكى چۈشكەندىن كېيىن يالغۇز ئامازون شىركىتىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بېزوسنىڭ شەخسىي بايلىقىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرىدى. بېزوسنىڭ قولىدا ئامازوننىڭ 78 مىليون 900 مىڭ يۈرۈش پايچېكى بار بولۇپ، پايچېكى چۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭ بايلىقىمۇ 5.2 مىليارد دوللار ئازايدى، ھازىرقى شەخسي بايلىقى 118.9 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: كولۇمبىيەدە نېفىت ئېقىپ كېتىپ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان زىمبابۋېدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشى پۈتۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号