ss ss ss ss

كولۇمبىيەدە نېفىت ئېقىپ كېتىپ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى
2018-03-30 11:41:50   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يەر شارى تورى 28-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

3-ئاينىڭ باشلىرىدا كولۇمبىيە نېفىت شىركىتىنىڭ سانتاندېر ئەتراپىدىكى بىر نېفىت قۇدۇقىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەخمىنەن 600 باك خام نېفىت ئەتراپتىكى سۇغا ئېقىپ كىرىپ كەتكەن، مايدىن بۇلغىنىش بەلبېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى يېتەرلىك سەپلەنمىگەن بولغاچقا، خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە ياخشىلانماي كەلدى. كولۇمبىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى 26-مارت بىلدۈرۈشىچە، بۇلغىنىش مەنبەسىنىڭ ئەتراپىدىكى 70 ئائىلىلىكتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە باش ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. تازىلىغۇچى خادىملار 2400دىن ئارتۇق ھايۋاننىڭ تاپىنى بايقىغان. 

كولۇمبىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ قېتىمقى مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ھادىسىنىڭ جاۋابكارى بولغان كولۇمبىيە نېفىت شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىنىشى ھەمدە بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئاھالىلەرگە تۆلەم بېرىشى مۇمكىن. 

ئالدىنقى مەزمۇن: تەييار ماي باھاسى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: ئامازون شىركىتىنىڭ پايچېكى داۋاملىق چۈشۈپ بازار قىممىتى زور ئازلاپ كەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号