شەھەر ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى خەۋىرى: تەييار ماينىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم تەڭشەلگەن بولۇپ
،
3-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ
،
ماي بېكى 50 لېتىرلىق ئاپتوموبىلغا تولۇق ماي قاچىلىغاندا
،
ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 6 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق چىقىم بولىدىكەن.مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە
،
خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىدە خام نېفىتنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ
،
ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە
،
ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە زاۋۇت
،
كان قاتارلىق دالىدا مەشغۇلات قىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى
،
شەخسي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپەيگەنلىكى سەۋەبىدىن بېنزېنگە بولغان ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تەييار ماي باھاسىنى ئانالىز قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەرلىمە ھېسابىغا ئاساسلانغاندا
،
92-نومۇرلۇق بېنزىن
،
0- نومۇرلۇق دىزېل مېيى باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.12 يۈەن / لېتىر
،
0.13 يۈەن / لېتىر تەڭشىلىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن
،
ئۈرۈمچى رايونىدىكى 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.62 يۈەن / لېتىر
،
95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.12 يۈەن / لېتىر
،
98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.98 يۈەن / لېتىر
،
0- نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى6.22 يۈەن / لېتىر بولغان.ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا
،
2018-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى ھازىرغىچە بەش قېتىم تەڭشەلگەن بولۇپ
،
تەھلىلچىلەرنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا
،
كېلەر قېتىمقى باھا تەڭشەش 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 12 دە باشلىنىدىكەن.مەنبە:
http://uy.ts.cn/system/2018/03/28/035145001.shtml