ss ss ss ss

شىۋېتسارىيە فىرانكى 2017-يىللىق ئەڭ چىرايلىق قەغەز پۇل بولۇپ باھالاندى
2018-04-10 13:32:11   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 10-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا كىۋارتس مالىيە-ئىقتىساد تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق قەغەز پۇل ئىلمىي جەمئىيىتى يىللىق ئەڭ چىرايلىق قەغەز پۇلنى باھالاش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاخىرىدا 2017-يىللىق غەلبە قىلغۇچى يۈز قىممىتى 10لۇق شىۋېتسارىيە فرانكى بولغان. بۇ شىۋېتسارىيە فىرانكىنىڭ لاھىيەلىنىشى كۆركەم بولغانلىقتىن ئۇدا ئىككى يىل ئەڭ چىرايلىق قەغەز پۇل بولۇپ باھالاندى.

10 شىۋېتسارىيە فىرانكىدا تارلىق ئوركېستىر دىرىژورىنىڭ بىر جۈپ قولى ۋە شىۋېتسارىيە تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن خەرىتىسى بار. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ كىچىك خەرىتە شىۋېتسارىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ پۇلنى مانۇئېلا پىرىفېد لاھىيەلىگەن. 2005-يىلى شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك بانكىسى مەملىكەتلىك قەغەز پۇل لاھىيەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە تۇنجى بولۇپ ئۈستىدە تۆرەلمە ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ سۈرىتى بار پۇلنى تاللىغان. بىراق، بۇ ئاممىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقتىن ھازىرقى لاھىيەگە ئۆزگەرتىلگەن.

2017-يىللىق ئەڭ چىرايلىق قەغەز پۇلنى تاللاش پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەردىن يەنە شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى تارقاتقان 10 فوندستېرلىڭلىق قەغەز پۇلمۇ بار. بۇ پۇلنىڭ ئۈستىدە ماتېماتىك، ئاسترونوم مارىي سومېرۋىللېنىڭ سۈرىتى بار فىجىنىڭ يەتتە فىجى دوللىرىدا فىجى زەيتۇن توپ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتى بار. ئۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنىدى.

نورۋېگىيەنىڭ 100 نورۋېگىيە كورۇناسىغا ۋىكىڭ پاراخوتىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان.

جبۇتىنىڭ 40 جىبۇتى فىرانكىدا توغرىسىغا ئۈزۈۋاتقان كىتسىمان لەھەڭنىڭ سۈرىتى بار كانادانىڭ 10 كانادا دوللىرىدا دۆلىتىنىڭ يەر قىياپىتى مەنزىرىسى بار. ئىككى يىل ئىلگىرى يېڭى زېللاندىيەنىڭ بەش دوللارلىق قەغەز پۇلى ئەڭ كۆركەم قەغەز پۇل بولۇپ باھالانغان. ئۈچ يىل ئىلگىرى تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ 50 دوللارلىق قەغەز پۇلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئەڭ كۆركەم قەغەز پۇلنى خەلقئارالىق قەغەز پۇل ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بېلەت تاشلاپ تاللايدۇ.

سۈرەتتە، ماداغاسقارنىڭ 20 مىڭ ئارىيارى قەغەز پۇلى.

سۈرەتتە، مالدىۋىنىڭ بەش لافىيا قەغەز پۇلى.

ئالدىنقى مەزمۇن: 2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:جۇڭگو توققۇزىنچى ئورۇندا
كېيىنكى مەزمۇن: دۇنيا سودا ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتى ئەڭ چوڭ تاۋار قايسى؟

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号