ss ss ss ss

ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ
2018-04-10 13:32:08   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 8-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نايت فىرەنك (Knight Frank)نىڭ 2018-يىللىق بايلىق تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلارنىڭ تۇرالغۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىگە تۆت يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي توغرا كېلىدىكەن. 

2017-يىلى خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى يۇقىرىلاپ ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت سودىگەرلىرىنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساپ كىرىمى ئالاھىدە كۆپ بايلار شۇ جايدىكى داچا رايونىدىن تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ دۇنيا بويىچە تۇرالغۇسى ئەڭ كۆپ كىشىلەرگە ئايلاندى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.5 يۈرۈش ئۆي، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.7 يۈرۈش ئۆي، ئاسىيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.9 يۈرۈش ئۆي توغرا كېلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە دۇبەيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ.

نايت فىرەنكنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان 2018-يىللىق بايلىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى دۇبەيدىكى بايلىقى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 189 مىليون 135 مىڭ يۈەن) ئاشىدىغان بايلارنىڭ نىسبىتى %12 كۆپەيگەن نيۇيورك، سىنگاپور، شياڭگاڭلاردىكى بايلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %6 كۆپەيگەن لوندوندكى بايلارنىڭ نىسبىتى %6 تۆۋەنلىگەن.

دۇنيادىكى 500 خۇسۇسىي بانكا ۋە بايلىق سىتاستىكا تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي سېتىۋېلىشقا، بولۇپمۇ چەتئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىقىدىكەن. ئەنگىلىيە ئوتتۇرا شەرقلىق بايلارنىڭ ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالىدىغان نۇقتىلىق جايلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن قالسا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكى، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىقلار بار.

ئالدىنقى مەزمۇن: پاكىستان پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ شىفىرلىق پۇل سودىسىغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: 2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:جۇڭگو توققۇزىنچى ئورۇندا

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号