ss ss ss ss

پاكىستان پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ شىفىرلىق پۇل سودىسىغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى
2018-04-10 13:32:08   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورىنىڭ 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

6-ئاپرېل ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى بانكىنىڭ مەلۇم پۇل سودىسى ئورگانلىرى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئالاقە قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى بىت تەڭگىسى ۋە باشقا شىفىرلىق پۇللارنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پاكىستان مەركىزىي بانكىسى 6-ئاپرېلدىكى باياناتىدا شىفىرلىق پۇل بۇ دۆلەتتە قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. پاكىستان دۆلەتلىك بانكىسى بانكا ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىغا بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇلاردىن خېرىدارلار بىلەن شىفىرلىق پۇلغا ئالاقىدار سودا قىلىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 

پاكىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شىفىرلىق پۇلدىن پايدىلىنىپ چەتئەلگە مەبلەغ يۆتكىگەنلەر ئەرز قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستان زاپاس پۇل كومىتېتى بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن شىفىرلىق پۇل ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى شىفىرلىق پۇل ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئۇنى قانۇنسىز پائالىيەت دەپ قارىغان. 

ھىندىستان زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 5-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئەمەلىي گەۋدىلەر ھەر قانداق مەۋھۇم پۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانماسلىكى زۆرۈر ئىكەن. 

رەقەملىك پۇل سودا ئورنى Coinomeنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھىندىستاندىكى بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى 5392 دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، خەلقئارا بازاردىكى 6617 دوللارلىق باھادىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. 

كەسپىي تەشكىلات «بۆلەك زەنجىرى ۋە شىفىرلىق پۇل كومىتېتى»نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋىشال گۇپتا (Vishal Gupta)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى بايانات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ھىندىستاندىكى بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى خەلقئارالىق باھادىن %5 يۇقىرى ئىكەن، ئەمما ھازىر بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. 

IndusLawنىڭ پەن-تېخنىكا قانۇن مۇتەخەسسىسى نامىتا ۋىسۋانات (Namita Viswanath) بولسا مۇنداق دېدى: «بۇ بەكلا چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت. ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تولۇق چەكلىدى.»

ئالدىنقى مەزمۇن: سامسۇڭنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى پايدىسى تارىخىي رېكورت ياراتتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号