ss ss ss ss

سامسۇڭنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى پايدىسى تارىخىي رېكورت ياراتتى
2018-04-10 13:32:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورىنىڭ 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ ئېلېكترونى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى پەسىللىك پايدا %58لىك كۈچلۈك ئېشىش ھالىتىنى نامايەن قىلىپ، بازارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ساقلىغۇچ ئۆزىكى كەسپى يەنىلا كۈچلۈك ئېشىۋاتقان بولۇپ، بازارنىڭ ئالما ئېكرانىنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى يوقاتتى. بۇ شىركەت 3-ئايغىچە بولغان بىرىنچى پەسىلدە تىجارەت پايدىسىنى 15 تىرىليون 600 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 14 مىليارد 700 مىليون دوللار)غا يەتكۈزدى. بۇرۇن تەھلىلچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرى 14 تىرىليون 500 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 13 مىليارد 555 مىليون دوللار) ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 60 تىرىليون ۋون (تەخمىنەن 56 مىليارد 88 مىليون دوللار)غا يەتتى، بۇرۇن تەھلچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرى 61 تىرىليون 300 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 57 مىليارد 303 مىليون دوللار) ئىدى. 

ئالدىنقى مەزمۇن: نسسان ۋە تويوتانىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىشى 3-ئايدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: پاكىستان پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ شىفىرلىق پۇل سودىسىغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号