ss ss ss ss

بىت تەڭگىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھانى قايتا-قايتا يېڭىلىدى، ئۇ كۆپۈك يېرىلىش گىردابىغا يەتتىمۇ؟
2017-06-16 15:56:02   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن بىت تەڭگىسىدەك بۇ خىل مەۋھۇم ئېلېكترونلۇق پۇل يەنىلا ئىنتايىن ناتۇنۇش، لېكىن ئۇ نامايان قىلغان كۈچلۈك باھا يوشۇرۇن كۈچى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بىت تەڭگىسى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان «ھەر بىرى 20 مىڭ يۈەن»لىك يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى ھەمدە تەدرىجىي مۇقىملاشتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن لايت پۇلى (Litecoin)، يىتەيفاڭ پۇلى (Ethereum)، دوگ پۇلى (Dogecoin) قاتارلىق بىر قاتار «تەقلىدىي» ئېلېكترونلۇق پۇللار كەينى-كەينىدىن «ئېتىلىپ» چىقىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. مەبلەغ سالغۇچىلار سىناپ كۆرمەكچى بولۇشتى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەۋپ-خەتەرمۇ ھازىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.

بىت تەڭگىسى قىممىتى زىيادە ئۆرلەش بويىچە «2-باھار»نى كۈتۈۋالدى.

ھېسابلاشتىن بايقىلىشىچە، ئەگەر 2010-يىلى بىت تەڭگىسىگە 1000 ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى قىممىتى شىددەت بىلەن ئېشىپ ھەتتا 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى ئىزچىل «ئەسەبىيلەرچە» ئۆسۈۋاتىدۇ! يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ئۆسىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىكى ئۆسۈش نىسبىتى %500تىن ئېشىپ كەتتى.

يانفون ئەپ دېتالىدا بىت تەڭگىسى K سىزىقىنىڭ ھەر كۈنى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقان ليۇ پېڭ ئىسىملىك مەبلەغ سالغۇچى بىر تەرەپتىن خۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەپسۇسلاندى. 2012-يىلى بىت تەڭگىسىنى ئەمدىلا بىلگەندە كەڭ كۆلەمدە سېتىۋالمىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئىختىيارسىز ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ ھەسرەت چېكىدۇ.

6-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا «ھەر بىرى 20 مىڭ يۈەن» ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىت تەڭگىسى باھاسىنىڭ ھەر 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت بارغانسېرى قىسقىراۋاتىدۇ.

2013-يىلى بىت تەڭگىسىنىڭ تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى «باھارى» دېيىشكە بولىدىغان پەيت كۆرۈلگەن ئىدى. ليۇ پېڭنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا بىت تەڭگىسى ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاساسەن نۆلگە يېقىنلىشىدىغان باھادىن باشلىنىپ، تارىختا تۇنجى قېتىم «ھەر بىرى 1000 ئامېرىكا دوللىرى»لىق باھاغا يەتكەن ئىدى. لېكىن دۆلىتىمىز شۇ يىلى 12-ئايدا «بىت تەڭگىسى خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقارغاندىن كېيىن، بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلدا ئىزچىل 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ئارىلىقتا داۋالغۇپ تۇردى.

بۇ يىلغا كەلگەندە بىت تەڭگىسى تارىخىدىكى 2-نۆۋەتلىك كۈچلۈك ئۆسۈش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. ئۇ بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا نۇقتىسىنى قايتا-قايتا يېڭىلىدى. دۆلەتلىك ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بىت تەڭگىسىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىردى، ئۇنداقتا زادى قانداق نەرسە بىت تەڭگىسى باھاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇنداق «ئەسەبىيلەرچە» ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى، فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، مەبلەغ سالغۇچىلار بىت تەڭگىسىنى ئالتۇنغا ئوخشاش «خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى» قاتارىدا كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سودىگەر چاقىرىش-ئاكسىيە تەھلىلچىسى ليۇ زېجىڭ قاتارلىقلار بۇ ھەقتە بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇش خەۋپىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى مەبلەغنىڭ بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سېلىش بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى دەپ قارىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىت تەڭگىسىنىڭ قانۇنلۇق «پۇل»لۇق ئورنىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى؛ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى ئىمزا قويغان «چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىت تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ئېتىراپ قىلىندى. ئاۋسترالىيەدىمۇ بىت تەڭگىسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۇل دەپ قارىلىدۇ.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋۇداۋكوۋ پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە تەجرىبىخانىسى ۋە خوبى تورى (火币网) بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا دۇنيا بويىچە بىت تەڭگىسى ھېسابلاش كۈچىنىڭ %75تىن كۆپرەكى جۇڭگوغا مەركەزلەشكەنلىكى ئېيتىلدى. ئېلىمىز ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىت تەڭگىسى «ھاسىل قىلغۇچى دۆلەت» ۋە سودا بازىرى بولغان ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ۋەزىيەتتە بىردىنلا ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

بىت تەڭگىسى سودا سۇپىسى ھېسابلىنىدىغان خوبى تورىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىت تەڭگىسى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى رەت تەرتىپىدە ياپونىيەدىكى پۈتۈشۈش مىقدارى ئىگىلىگەن نىسبىتى %46تىن ئېشىپ كەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %26تىن ئېشىپ كەتكەن؛ جۇڭگونىڭ پۈتۈشۈش مىقدارى 3-ئۇرۇندا تۇرغان بولۇپ، سودا مىقدارى %10 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ بىت تەڭگىسى سودا مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سودا مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر مەھەل يۇقىرى بولغاندا %95كە يەتكەن ئىدى.

بىت تەڭگىسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆسۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، لايت پۇلى، يىتەيفاڭ، xrp پۇلى قاتارلىق مەۋھۇم ئېلېكترونلۇق پۇللارمۇ ھەر بىر دانىسى ئاز بولغاندا نەچچە پۇڭدىن نەچچە 10 يۈەنگىچە بولغان تۆۋەن نۇقتىدىكى باشلىنىش باھاسىدىن ئارقا-ئارقىدىن شىددەت بىلەن ئۆسۈشكە باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. يېقىنقى مەزگىلدە، باشقا پۇل تۈرلىرىنىڭ بازار قىممىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىت تەڭگىسىدىن زور دەرىجىدە ئالدىدا ماڭغان بولۇپ، بۇ بىت تەڭگىسى بازار قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %45.62كە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىت تەڭگىسىنىڭ «ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق دەرۋازىسى»نى ئاچالايدىغان-ئاچالمايدىغانلىقى ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بىراق، كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىت تەڭگىسى ھازىر كۆپۈك يېرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

2013-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يائەندە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 2 سائەت ئىچىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىت تەڭگىسى مەھەللىسى بىت تەڭگىسى ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قوزغىدى. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر يۈەن فوندى (壹基金) ئۆزىنىڭ 50 تال مۇددىئا ئىئانە قىلىنغان بىت تەڭگىسى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ بىت تەڭگىسىنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئىئانە قىلىنىدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىشى بولۇپ قالدى.

گوتەي جۈنئەن ئاكسىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاقە باش تەھلىلچىسى سۇڭ جياجىنىڭ ئېيتىشىچە، بىت تەڭگىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بېكىتىلگەن بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كود شەكلى بىلەن بېكىتىلىدىكەن؛ ئۇ ئەگەر مەبلەغ مەھسۇلاتى قىلىنسا، ئۇ قىس بولۇش ۋە قايتا پەيدا بولماسلىق خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلايدىكەن. ئەگەر كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىلسا پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىكەن. بىت تەڭگىسى ئاتىسى «ساكاشى ناتاموتو»مۇ ئىلگىرى بىت تەڭگىسى باھا نىشانىنىڭ 4000 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن، بىت تەڭگىسىدىمۇ كەمچىلىك ۋە يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. «ئالتۇن ھەميانى» (黄金钱包)نىڭ باش تەتقىقاتچىسى شياۋ لېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىت تەڭگىسى ئۆزىنىڭ ئىمزاسىز بولۇش، سۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خاككېرلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا بويىچە رەھىمسىزلەرچە يامراپ كېتىشى بىت تەڭگىسىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئېلېكترونلۇق پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرى ئىچىدە قېچىپ كېتىش ياكى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئېغىر زىيان تارتتى».

ئەمما ئىقتىسادشۇناس مىڭ جې مۇنداق دېدى: «ئىناۋەت كارتىسى قاتارلىقلارنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىت تەڭگىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بەزى جىنايەتلەرنىڭ تەننەرخى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتتى. ئاشكارىلانغان بىر خەلقئارا جىنايەت سۇپىسىدىكى مۇلازىمەتلىرى ساختا پاسپورت ۋە ساختا پىراۋا بېجىرىش، سىستېمىغا قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ھەمدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە قورال سودىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق سودىسى بىت تەڭگىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىنىدۇ. بۇ بىت تەڭگىسىنىڭ غايەت چوڭ ھەمدە ئېنىقسىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كەلتۈردى».

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بىت تەڭگىسىنىڭ يەنىلا قىممىتى ئۆسۈش بوشلۇقى بار، لېكىن ئۇنىڭ كۆپۈكىمۇ ناھايىتى ئېنىق، يېقىندا ئۇنىڭ كۆپۈكى بەربات بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز». بۇ توغرىسىدا ھەتتا بەزىلەر «بىت تەڭگىسىدە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىش سىگنالى بارلىققا كەلدى، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك» دەپ قارىدى.

نۆۋەتتە بىت تەڭگىسى قاتارلىق ئېلېكترونلۇق پۇللارنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرى ئوتتەك قىزغىن بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكتىپ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ناھايىتى زۆرۈر. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئالاقىدار تارماقلارنى تېزدىن سودىدىكى خېيىم-خەتەرنى ئەسكەرتىشنى دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئەرز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى لى لىخۇي بۇرۇن بىت تەڭگىسىنىڭ بىر دۆلەت چېگراسىسىز سۇپىسىدا بەرپا قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىت تەڭگىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ پاسسىپ مۇداپىئەلىنىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىپ، بىت تەڭگىسىنىڭ قىسمەن خاسلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىق يۇغۇرۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاستىدا بىت تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم ئېلېكترونلۇق پۇللار دۇچ كەلگەن باج تاپشۇرۇش، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى، ئوغرىلىق، پۇل يۇيۇش ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن سىناق ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

<script type="text/javascript" src="/Static/js/jquery.min.js"></script><script type="text/javascript" src="/Static/js/home3.js"></script><script type="text/javascript"> var ajex_page=1; var ajex_support=Array(); $(document).ready(function(){ /* $('body').bind("selectstart",function(){return false;}); $('body').bind('contextmenu',function(){return false;}); */ $('img.lazy_load').lazyload({threshold : 200,effect : 'fadeIn'}); $("div.turler ul.nav-ul li.current_12 a").addClass("current"); click_avatar_image(); /* 头像点击事件 */ $("#sol_view_data").append(template("Commen_list",{'Comment_data':[{"id":"1835315","username":"قۇترىغان ئەجدىھا.","face":"0","time":"1 سائەت ئىلگىرى","content":"مۇشۇ بىت تەڭگىسى دېگەنگە قەتىي قىزىقمايمەن.","support":"0"}]})); }); function inkas_kaytur(e_id) { //$("#bottom_reply_"+e_id).slideToggle(); $("#bottom_comment_template_"+e_id).append(template("bottom_comment_list",true)); }</script><script id="Commen_list" type="text/html">

ئىنكاس

باش سۈرەت تاللاش x
  • يېڭى ئىنكاسلار
    • <% include 'Comment_data_list'%>
    <%if Comment_data.length > 0%>
    داۋامىنى كۆرۈش چۈشىۋاتىدۇ

    تۈگىدى

    <%else%>
    ۋاقتىنچە ئىنكاس يوق
    <%/if%>
    </script><script id="Comment_data_list" type="text/html"> <%each Comment_data as row index%>
  • <%=row.username%><%=row.time%>

    <%=row.content%>

  • <%/each%></script><script id="avatar_list" type="text/html"> </script>
    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号

    ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى 2034-يىلى ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن
    كېيىنكى مەزمۇن: 8 يېشىدىن باشلاپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ 85 مىڭ دوللار تاپقان ئامېرىكىلىق قىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى

    分享到: 收藏
    ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

    قۇياش تورى : www.kuyax.cn

    شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

    新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

    ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

    新ICP备16000562号-4

    新公网安备 65010302000079号