ss ss ss ss

نېمىشقا جۇڭگولۇقلار ياپونىيەلىكلەردىن باي كۆرۈنىدۇ؟
2017-05-12 14:24:28   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

              

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياپونىيە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىگە ئىزچىل تۈردە ھەميانى توم تەسىر بېرىدۇ. لېكىن، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلىدىن بۇيان ياپونىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەر ئايدا ئۆز ئالدىغا خەجلىيەلەيدىغان پۇل تەخمىنەن 1500 يۈەن ئىكەن، دېمەك ياپونىيەلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە پۇلدار ئەمەس.

كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە پۇلدار ئەمەس ياپونىيەلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك چەتئەلدە مال سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بولغاچقا، ھەمىشە «پۇلى كۆپ، ئۆزى گالۋاڭ» دېگەن ماركا چاپلىنىپ قالىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

 

بىرىنچى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئايلىق پارچە خىراجىتى 1500 يۈەن، ئەر-ئاياللار ئارا پەرق چوڭ

جىجى ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ياپونىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە پارچە خىراجىتى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 4421 يېن ئازىيىپ، 25 مىڭ 82 يېن (100 يېن تەخمىنەن 6.16 يۈەن، 25 مىڭ 82 يېن تەخمىنەن 1545 يۈەن)غا چۈشۈپ قالغان. بۇ قېتىمقىسى 2007-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئاز بىر قېتىملىقى ئىكەن.

25 مىڭ 82 يېن دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ SonftBankنىڭ توختاملىق يانفونىدا ھەر ئايدا سۆزلىشىش مىقدارىغا چەك قويۇلمىسا، ئېقىم مىقدارى 5G بولسا، ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر بولمىسا، نورمىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ يانفوننىڭ ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 10 مىڭ 928 يېن بولىدۇ. 160 مىللىلىتىرلىق بىر قۇتا SK-II سۈيىنىڭ ياپونىيەدىكى سېتىلىش باھاسى 18 مىڭ 360 يېن. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارايلى، 25 مىڭ يېن پارچە پۇل ھەقىقەتەن ئاز.

 

پارچە خىراجەت جەھەتتە ياپونىيەدىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ. بىر ئائىلە ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق پارچە پۇلى 31 مىڭ 764 يېن (تەخمىنەن 1900 يۈەن)، ئەمما ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق پارچە پۇلى بولسا 18 مىڭ 424 يېن (تەخمىنەن 1105 يۈەن).

ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە پارچە خىراجىتىمۇ ئىلگىرىكى 90 مىڭ يېندىن ھازىر 60 مىڭ يېن (3700 يۈەن) غا تۆۋەنلىگەن. ئەمما، بۇ سەۋىيە يەنىلا جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە پارچە خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايلىق پارچە خىراجىتىگە ئائىت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگولۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە پارچە خىراجىتى 2000 يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

 

ئىككىنچى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 250 مىڭ يۈەنگە يېتىپ تۇرۇپمۇ، تۇرمۇشتىكى ھېساباتتا يەنىلا ئىنتايىن ئىنچىكە

مەيلى قورامىغا يەتكەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارچە خىراجىتى تۆۋەنلىسۇن، ئەمما ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى تۆۋەن ئەمەس. ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆت مىليون 140 مىڭ يېن (تەخمىنەن 255 مىڭ يۈەن)غا يېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە 250 مىڭ يۈەنلىك كىرىم ئاز ئەمەس، ئەمما ياپونىيەدىكى كۆپ ساندىكى مائاشلىقلار يەنىلا قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن قاقشاپلا يۈرىدۇ. توكيودا بىر تۈپ يېسىۋېلەكنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ باھاسى 200 يېن (تەخمىنەن 12.3 يۈەن)، بىر قېتىم كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرسىمۇ 220 يېن (تەخمىنەن 13.6 يۈەن) كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، ياپونىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنىچىسىدە پەقەت ئەرلەرلا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مائاشى بىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى قامدىغاندىن سىرت، يەنە ئۆي پۇلى، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلارغىمۇ سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ خىراجەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا پۇل خەجلەشكە چىدىمايدۇ. شۇڭا ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىكى ھېساباتتا ئىنتايىن ئىنچىكە. مەسىلەن، ياپونىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل چوكا مۇز باھاسىنىڭ بەش يېن ئۆسۈشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم خەۋەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى. كەچتە قاۋاقخانىغا بارسىڭىز، ياپونىيەدىكى مائاشلىقلارنىڭ ئىككى قۇتا پىۋا، ئىككى تەخسە ئاددىي قورۇما بۇيرۇتۇپلا بىر كېچە ئولتۇرغانلىقىنى بايقايسىز. بىر ئۈستەل تاماق بۇيرۇتىدىغانلار، ھەمدە بۇيرۇتقان نەرسىسىنى كۆپەيتىدىغانلار چەتئەللىك ساياھەتچى بولمىسىلا، پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلاردۇر.

 ياپونىيەدىكى تاللا بازارلىرىدا دائىم مۇنداق بىر ئاجايىپ كارتىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ: بىر توپ ئائىلە ئايالى بېلىنى ئىگىپ بەلگە چاپلاۋاتقان دۇكان خادىملىرىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا مىدىرايدۇ ـــ ئەسلىدە، ياپونىيەدىكى تاللا بازارلىرى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچتە قەرەلسىز ھالدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدىكەن، نۇرغۇنلىغان ئائىلە ئاياللىرى دەل مۇشۇ پەيتنى كۆزلەپ، باھاسى ئەرزان يېمەكلىكلەرنى تالىشىپ سېتىۋالىدىكەن.

 

ئۈچىنچى، جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ئىستېمال ئىقتىدارى نېمىشقا بۇنچە كۈچلۈك؟

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2016- يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 821 يۈەن بولۇپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىم سەۋىيەسىنىڭ 10دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن.

ئەمما ياپونىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشتا چىڭلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي بېيىۋاتقان جۇڭگولۇقلارغا ھەمىشە «پۇلى كۆپ، ئۆزى گالۋاڭ» دېگەن ماركا چاپلىنىپ قالماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2016-يىلى جۇڭگودىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 33 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2015-يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلدىكى ساياھەت ئىستېمالىنىڭ كۆلىمى بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 800 مىليارد يۈەن مال سېتىۋېلىشقا، 700 مىليارد يۈەن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ۋە ياتاقتا يېتىشقا ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەتئەلدە ئۆي سېتىۋېلىش ئىستېمالىمۇ 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن بىر تىرىليون يۈەن)غا يەتكەن. بۇلارنى قوشقاندا تەخمىنەن ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

 كىشى بېشى كىرىم سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ئىستېمال ئىقتىدارى نېمىشقا بۇنچە كۈچلۈك؟

بىرىنچىدىن، 30 يىللىق تېز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش ئارقىلىق، جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدە ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىستېمال سەۋىيەسىمۇ ئۆستى؛ ئىككىنچىدىن، گەرچە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرى كىرىملىكلەر توپىغا كىرگەن مۇتلەق سان كۆپ. ئۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلمايدىغان مەدەنىيىتى بولغاچقا، جۇڭگولۇقلار دوكلات قىلغان كىرىم كۆپ ھاللاردا پەقەت ئىش ھەققى كىرىمىدۇر، باشقا يوللار ئارقىلىق قىلىنغان كىرىم بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.

ئەمما يەنە «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى كۈچلۈك دېگەن قاراش پەقەت بىر پەرەز. چەتئەلدىكى ئىستېمالنىڭ ئېشىشى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنىڭ ئېشىشىدىن خېلىلا يۇقىرى، يۇقىرى كىرىملىكلەر توپى ئومۇمىي ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.» دەيدىغان مۇنداق بىر قاراشمۇ بار.

 

تۆتىنچى، ئىستېمال قارىشىدىكى ئۆزگىرىش، جۇڭگولۇقلار يەنە پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراقمۇ؟

ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمال قارىشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا بولدى.

20-ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرى، كىشىلەر كىيىمنى ئۆزى تىكىپ، ئاشلىق، ياغنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، تىپىك كىچىك يېزا ئىگىلىكىدە ئىدى، بىر يىلدا ئانچە كۆپ پۇل خەجلىمەيتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قارىشىمۇ ئۆزگىرىپ، گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، چىرايلىق كىرىملەرنى كىيىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، يېڭى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدىغان بولدى، ئەمما يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي دائىرىسىدە قۇربى يېتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋالدى، ئۆزىنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كەتمىدى، بىر قەدەر تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈردى. 21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، «سېتىۋال، سېتىۋال، سېتىۋال» دەيدىغان ئەسەبىي دولقۇن ئالدىدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ تىرىشچان- ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە قامداش ئەنئەنىسى يەنە ساقلىنىپ قالامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، جۇڭگولۇقلار يەنىلا شۇ پېتى، ئۇلار پۇلىنى ئامانەت قويۇشقا تېخىمۇ خۇشتار. 2002-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پۇل ئامانەت نىسبىتى ئىزچىل ئۆرلەپ كەلدى. 2015-يىلى، جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى %46كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇردى.

ئادەتتىكى ئەمگەكچى ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئېشىشى ئاستا بولۇش، ئىچكى ئېھتىياج يېتەرسىز بولۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇق بولماسلىق، كۆزلەنگەن مۆلچەر تۇراقلىق بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئامانەت قويۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. تۇرالغۇ، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خىراجەتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئاز بولۇشىمۇ، پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆرلەتمەكتە.

 

ئەمما تېخىمۇ كەڭرى ئىستېمال بازىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان ئىستېمال يولى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال قارىشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، تاۋارنىڭ سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلماقتا. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال شەكلى تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە. ھازىرقى ياشلار سول قولىدا پۇل تاپسا، ئوڭ قولىدا خەجلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستېمال قىلىدىغان پۇل ئۆزىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، ئىناۋەتلىك كارتىدا ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن ئومۇملاشتى.

جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىناۋەتلىك كارتا مىقدارى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، 2015-يىلى ئايرىم ھالدا 1.7 دانە ۋە 1.33 دانىگە يەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگودا جەمئىي 455 مىليون دانە ئىناۋەتلىك كارتا تارقىتىلغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 0.34 دانىدىن توغرا كەلگەن.

بۇنداق يۈزلىنىش ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ بالداقمۇ- بالداق ئۆرلىشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا ئىشلىرىغا يەتكۈزىدىغان پايدىسىغا گەپ كەتمەيدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 2-3 كۈندە بىر قېتىم ئاھالىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دەۋەت قىلىشىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىغا قاراپ بىر قېتىم پۇخادىن چىققۇدەك ئىستېمال قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كىرىمىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە!



ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭگولۇقلار نېمىشقا باففېتنى ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى 1700 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号