ss ss ss ss

دوللار يەنىلا كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىسا ئالتۇننىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئاخىرلىشىدۇ
2017-02-14 21:08:26   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

fx168 تور خەۋىرى، ئىلكان تور تەرجىمىسى: داڭلىق ئالتۇن تور بېتى Kitco خەۋىرىگە ئاساسەن، پەقەت تېخنىكا يۈزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالتۇننىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. بۇ كۆز قاراشقا كەلگەن بروئۇن ئاكا-ئۇكا (BBH) دۇنيا تاشقى پېرېۋوت تاكتىكا مەسئۇلى Marc Chandler 

Chandler دۈشەنبە كۈندىكى Kitco News خەۋرىدە مۇنداق دېگەن، "دوللارنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پايدىسىز ئامىل. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى ئۆرلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل يۆنىلىش قارىماققا ئاخىرلاشتى."  

دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەم ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى. 

Chandler يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، تېخنىكىسى يۈزلىنىشى شەك - شۈبھىسىزكى پۈتۈنلەي ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز.

Chandler يەكشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن، دوللار ئاللىقاچان تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى، بەلكىم ئۆرلەش يۆنىلىشى ئەسلىگە كەلگەن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىدى.

بازار مۆلچەرىدەك، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ بۇ يىل يەنىلا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش يولىدا تۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ (Donald Trump) نىڭ سىياسىتى، دوللارنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئۆرلىشىگە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

Chandler نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقى بار.


تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلكان شىركىتىدىن رابىگۈل

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

 ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى 




ئالدىنقى مەزمۇن: بىرازىلىيەدە 2016-يىلى تاقالغان دۇكان سانى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئىناۋەت كارتا تەرەققىيات جەريانىدا قايسى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号