ss ss ss ss

تىرامپنىڭ 150 نەچچە شىركەتكە مىليارد دوللار قەرزى بار ئىكەن
2017-01-06 20:51:51   مەنبە:   كۆرۈلىشى:



خەلقئارا لىنىيە خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە تىرامپ ۋە ئۇنىڭ نامىدىكى شىركەتنىڭ باشقا ئورگانلارغا نۇرغۇن قەرزى بار ئىكەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيىسى خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ ئانالىز دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە ئۇنىڭ نامىدىكى شىركەت 150 نەچچە ئوخشىمىغان ئورگانغا نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن، بۇ سان خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 7 مىليارد يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ ئانالىزىدا بايقىلىشىچە بۇ ئورگانلارنىڭ تىرامپتىكى قەرزى «قايتا ئوراپ قاچىلانغان»دىن كېيىن قەرز چېكى (يەنى زايوم) شەكلىدە بۇ قەرزلەرنى سېتىۋالغان ئىكەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تىرامپ ۋە ئۇنىڭ شىركىتى بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان قەرزىنى «قايتا ئوراپ قاچىلاپ» چىققان ئىكەن. تىرامپنىڭ ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلغان مالىيە ئاشكارىلىمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە تىرامپ 16دىن ئارتۇق شىركەتكە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 315 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئىكەن.

تىرامپنىڭ ئۆتكۈنچى ئۆمىكى ھازىرچە بۇ ئىشقا قارىتا ھېچقانداق باھا بەرمىگەن.

تىرامپ ئاللىقاچان ئىپادە بىلدۈرۈپ، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىغا قارىتا قايتىدىن پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پايچېكىنى سېتىپ مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن ساقلىنىدىغان ياكى ساقلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن تىرامپقا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە 225 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزى بولغان ۋانگۇئارد (Vanguard) شىركىتى، شۇنداقلا 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزى بولغان ئامېرىكا فارگو بانكىسى (Wells Fargo) قاتارلىقلار بار ئىكەن.

تىرامپ پات ئارىدا ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومېتىتى (SEC)نى نازارەت قىلىشنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئورگان نۆۋەتتە ئامېرىكا فارگو بانكىسىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مەخپىي تەسىس قىلىنغان نەچچە مىليون بانكا ئىسچوتى شۇنداقلا كىرىدىت ئىسچوتىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانىدى.   



ئالدىنقى مەزمۇن: دۇنيادىكى ئاساسلىق مەركىزىي بانكىلارنىڭ 1-پەسىلدىكى سىياسىتىگە نەزەر
كېيىنكى مەزمۇن: گولدمان ساكس: خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش ھالىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号