ss ss ss ss

ترامپنىڭ زۇڭتۇڭ بولمىقى ئاسان ئەمەس: ئامېرىكا كەلگۈسىدە بەش چوڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ
2016-12-30 15:55:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تورى 27-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دونالد تىرامپنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، شۇنداقلا مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ھەيران قالدۇردى. ئوخشاشلا ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، تىرامپ سايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا پاي چېكى ئۆرلەپ كەتتى. چۈنكى پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆسۈشى بازارنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى «قاراقچى»لارنىڭ خىرىسىنى يېڭەلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى باھاسىنى ئۆرلەيدۇ دەپ قارىشىدىكى سەۋەب تىرامپنى باجنى كېمەيتىدۇ (كارخانا بېجى ۋە تاپاۋەت بېجى)، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھۆكۈمەت چىقىمى (1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى، ناھايىتى كۆپ پۇل) نى كۆپەيتىدۇ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئازايتىشى («دود فرانك» قانۇن لايىھىسى ئاللىقاچان كۆزگە سانجىلغان مىق بولۇپ قالدى) روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىنى GDP تېز سۈرئەتتە ئاشىدىغان شانلىق دەۋرگە باشلاپ كىرىپ، كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە كۈچلۈك ئىستېمالنى غىدىقلاپ، ھەتتا ئېشىش سۈرئىتىنى ئۆستۈرىدۇ (كۆپۈك پەيدا بولۇپ، پەسىيىدۇ، ئاندىن تەكرارلىنىدۇ) دەپ مۆلچەرلىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان.
سايلامدىن كېيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرى شادلىققا تولدى، بىراق ھېچكىم تىرامپ چەكلىمەكچى بولغان كۆچمەنلەر ۋە سودىنىڭ پاسسىپ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلمىدى، ماكرو ئىقتىسادنىڭ تۆۋەندىكى بەش چوڭ پايدىسىز ئامىلىغا مەيلى كىم زۇڭتۇڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۈزلەنمەي ئامالى يوق. 

1. ئەخمەق بولماڭ، بۇ دەۋرىيلىك مەسىلە.
ئامېرىكىدىكى پايدا ئالمايدىغان ئورگان دۆلەت ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى (NBER)نىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك 2009-يىلى 6-ئايدا باشلانغان، داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رەت تەرتىپتە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش دەۋرى داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقىدىن ئاخىرلاشمايدۇ، ئاخىرلىشىشنى جاكارلايدىغان ئامىللاردىن ئادەتتە يۇقىرى باج-سېلىق، ئاجىز ھالەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار بار، تېخىمۇ دائىملىق سەۋەبى پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىشتىن ئىبارەت، پۇل سىياسىتىنىڭ چىڭىشى دەل «تىرامپ ئىقتىسادشۇناسلىقى» دۇچ كېلىدىغان ئىككىنچى قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
2. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتتىق قول بولۇش مەيدانىنى نامايان قىلدى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى قارار قىلىش ئورگىنى فىدېراتسىيە ئاشكارە بازار كومىتېتى (FOMC)نىڭ يىغىن خاتىرىسى ۋە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، بىر مەزگىلدىن بۇيان فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىزچىل تىرىشىپ پۇل سىياسىتىنى «نورماللاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. تىرامپ ۋەدە قىلغان مالىيە چىقىمىنى ئاشۇرۇش پۇل پاخاللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىمۇ ئۆسۈم قوشۇش سەۋەبىگە ئىگە بولىدۇ. مەيلى قانداق غەرەزدىن بولمىسۇن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى شەخسىي ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئىشلىرىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋال كوچىسىدا كەڭ تارقالغان «ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشسا چۈشىدۇ» دېگەن سۆزنى ئەستە ساقلاش كېرەك.
3.پارلامېنتنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى تەس
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاق ساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسىنى كونترول قىلىۋالغاچقا، ترامپنىڭ جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بىراق بۇ جانلاندۇرۇش لايىھەسى خامچوت قىزىل رەقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى the Brookings Institution بىلەن شەھەر تەتقىقات ئورنى (the Urban Institute)نىڭ مۆلچەرلىشىچە، تىرامپنىڭ باج كېمەيتىش پىلانى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق قىزىل رەقىمى بىراقلا 800 مىليارد دوللارغا يېقىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يەنە ئاشىدىكەن. قىزىل رەقەمنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى چاي پارتىيەسىدىكى زاتلار ۋە مالىيە مۇتەئەسسىپىلىكىكە مايىل پالاتا ئەزالىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بولالمايدۇ.

4. پۈتۈن يەر شارى سودىسى كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەيدۇ
تىرامپ «ئامېرىكا ئەۋزەل» سىياسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا سودا ئاللىقاچان تۆۋەنلەش يولىغا قاراپ ماڭدى. ئەگەر تىرامپ ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگرىسىدا «سېپىل» ياساشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆچمەنلەرگە قاتتىق چەك قويۇپ، سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى قايتىدىن قىلماقچى بولسا (ياكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىسا)، مۇقەررەر ھالدا يەر شارى GDPسىنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، شۇ چاغدا ئامېرىكىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. سايلام ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاۋام پالاتاسى پۇل غەملەش كومىتېتى (the House Ways and Means Committee)نىڭ رەئىسى كېۋىن بىرادى بىلدۈرۈپ: «ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا، كىشىلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مېلىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئامېرىكا مېلىنى پۈتۈن دۇنياغا سېتىش كېرەك» دېدى.
5. نوپۇس مەسىلىسىنىڭ چارىسى يوق
ئامېرىكا نوپۇسى قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (BLS)نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى %15كە يېقىن كىشىنىڭ يېشى 65كە ئۇلاشقان. ئامېرىكا بويىچە 3-چوڭ ئاقىللار ئامبىرى پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېيىشىچە، 2050-يىلىغا قەدەر ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە «ئەڭ ياشانغان كىشىلەر توپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن». نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پاراۋانلىقى (Social Security) ۋە فېدېراتسىيە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (Medicare) غا تېخىمۇ كۆپ بېسىم چۈشۈرىدۇ. تىرامپ ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئۆزگەرتمەيمەن دەپ پو ئاتقان ئىدى، ئەگەر ئۇ دېگىنىنى قىلسا ئامېرىكا پارلامېنتى خامچوت ئىشخانىسى (Congressional Budget Office)نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2026-يىلىغا بارغاندا ھۆكۈمەت خامچوت قىزىل رەقىمى كۆپىيىپ 1 تىرىليون 340 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ئەگەر بۇ رېئاللىققا ئايلانسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قەرزى بىلەن GDPنىڭ نىسبىتى %75تىن %85كە ئۆرلەپ، زايوم ئۆسۈمى بىلەن بارلىق ھۆكۈمەت چىقىمى نىسبىتى ھازىرقى %7.5تىن كۆپىيىپ، %13كە ئاشىدىكەن. بۇنداق قورقۇنچلۇق سان شەخسىي ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ نائىلاج قېچىپ كېتىشىدىن، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئامېرىكا زايومىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈم تەلەپ قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكا پاي چېكى تىرامپنىڭ سايلام غەلبىسىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا زايومى ئېچىنىشلىق تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئۇچرىدى، بۇ بەلكىم كېيىنكى جاپالىق كۈنلەرنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئۆزبېكىستان رۇسىيە مېۋە-چېۋە ئىمپورتىدىكى مۇھىم مەنبە بولۇپ قالدى
كېيىنكى مەزمۇن: 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号