ss ss ss ss

1-ئاينىڭ 1-كۈنى نېفىت باھاسى يەنە ئۆرلەمدۇ؟
2016-12-28 14:15:25   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا خەلقئارالىق نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى، بىراق يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن بازار بىر ئاز سۇس بولۇپ، بازارنىڭ كۆزىتىش پوزىتسىيىسى بىر قەدەر قويۇق بولدى.

ئالدىدا پۈتۈشۈپ قويغان كىلىشىمگە ئاساسەن، نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشكە باشلايدۇ.

1-ئاينىڭ 1-كۈنى نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىمزالىغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم يولغا قويىلىدىغان كۈن بولۇپ، كېمەيتىش كۆلىمى كۈنىگە 1 مىليۇن 800 مىڭ باك بولىدۇ.

Akuta نىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە سەئۇدىي ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مەھسۇلات كېمەيتىشىدىن ئۈمىد بار بولسىمۇ، لېكىن قوراللىق توقۇنۇش تۈپەيلى مەھسۇلات كېمەيتىشى بىكار قىلىنغان لىۋىيە ۋە نىگىرىيە يىقىندا ئۈزلۈكسىز مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغان.

لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ، كۈنىگە 622 مىڭ باكقا يەتكەن. سەۋەبى بولسا، قوراللىق تەشكىلات ئىككى يىلدىن بۇيانقى غەربي قىسىمدىكى نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا بولغان پىچەتنى بىكار قىلىشقا قوشۇلغان.

بۇ شىركەتنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە، نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 270 مىڭ باك كۆپىيىدىكەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 16:53 دە، ئامېرىكا خام نېفىت نەق مال باھاسى %0.45 ئۆرلىگەن بولۇپ، ھەر باكى 53.6 دوللار بولغان، برۇنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %0.33 ئۆرلەپ، ھەر باكى 55.26 دوللار بولغان.

 ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

  ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى




ئالدىنقى مەزمۇن: پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ تەتقىقات مەبلىغى رەت تەرتىپى چىقتى
كېيىنكى مەزمۇن: پۇتىن: بۇ يىل رۇسىيەنىڭ GDPسى %0.5~%0.6 ئازىيىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号