ss ss ss ss

مانا بۇلار ھەقىقىي باينىڭ بالىلىرى
2016-07-29 23:03:19   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 

نۇر تورى تەرجىمىسى: «باينىڭ بالىلىرى» ئىچىدە «يۈزىنى كاچاتلاپ ئىششىتىپ، مەن سېمىز» دەيدىغانلاردىن قانچىلىك بار؟ ھەقىقىي «باينىڭ بالىلىرى» زادى قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندە بىز ھەقىقىي «باينىڭ بالىلىرى» نىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىمىز، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ باي ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئوغلى ۋاڭ سىسۇڭ بۇنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ!

 

ئىسا ئامبانى، ھىندىستاندىكى نېفىت ماگناتى مۇكىش ئامبانىنىڭ قىزى

مۇكىش ئامبانى فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 19- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 23 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 20 ياشلىق بۇ قىز ھازىر ئامېرىكىدىكى يالې ئۇنىۋرسىتېتىنىڭ 2- يىللىقىغا ئوقۇيدۇ، ئۇ مۇكىش ئامبانىنىڭ، يەنى نېفىت ماگناتى، ھىندىستاندىكى ئەڭ باي كىشىنىڭ بىردىنبىر قىزى.

 

ماتتا ئورتېگا

ئامارزېئو ئورتېگا فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 5- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 37 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئىسپانىيەلىك بۇ قىز ئامارزېئو ئورتېگانىڭ قىزى، ئامارزېئو ئورتېگا يەر شارىدىكى داڭلىق مودا شىركىتى ئىندىتېكس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، فوربېس بايلار تىزىملىكىدە يەر شارىدىكى 5- چوڭ باي دەپ قارالغان كىشى.

 

سوفىيە باركلاي، ۋاسىتىچىلىك ۋە ئۆي مۈلۈك كارخانىسىنىڭ خوجايىنى داۋىد باركلاي ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى

داۋىد باركلاي فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 358- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى ئۈچ مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. سوفىيە باركلاي بۇ يىل 23 ياش، داۋىد باركلاينىڭ نەۋرىسى، ۋاسىتىچىلىك ۋە ئۆي مۈلۈك ساھەسىدىكى كاتتا باي، مۆلچەرلىنىشچە ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشكېزەك ئىنىسى فرېدېرىك ئىككىسىنىڭ ئورتاق مۈلكى ئۈچ مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

 

سام برانسون، ۋىرگىن ماركىسىنىڭ ئىجادچىسى رىچارد برانسوننىڭ ئوغلى

رىچارد برانسون فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 255- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى تۆت مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى سام برانسون دادىسىنىڭ رولىنى ئىنتايىن ياخشى ئالغان، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا دادىسىنىڭ سايىسىغىلا تايىنىپ قالمايدۇ.

 

جورجىنا بلومبېرگ

مايكول بلومبېرگ فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 20- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. جورجىنا بلومبېرگ مايكول بلومبېرگنىڭ قىزى، مايكول بلومبېرگ نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە جاھاندا 20- ئورۇندا تۇرىدىغان باي كىشى. جورجىنا بلومبېرگ ئائىلىسىنىڭ سىياسىي ۋە سودا دۇنياسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىر كەسپىي چەۋەندازلىق تەنھەرىكەتچىسىگە ئايلاندى.

 

ئاننا ئانىسىموۋا، رۇسىيەدىكى مېتال ماگناتى ۋاسسىلىي ئانىسىموۋنىڭ قىزى

ۋاسسىلىي ئانىسىموۋ فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 330- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى ئۈچ مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئىلگىرى «رۇسىيەنىڭ پارىس خىلتوننى» دەپ قارالغان، 26 ياشقا كىرگەن ئاننا ئانىسىموۋا ھازىر تېز كۆپىيىۋاتقان بايلىقىنىڭ ۋارىسىغا ئايلاندى.

 

ۋانېسسا مىتال، ھىندىستاندىكى پولات- تۆمۈر ماگناتى لاكشىمى مىتالنىڭ قىزى

لاكشىمى مىتال فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 21- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 20 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋانېسسا مىتال يەر شارىدىكى بىخەتەر ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا ھەدەپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، دادىسىنىڭ شىركىتىدە مۇھىم رولچىغا ئايلاندى.

 

داۋىد ئېلىسون، چىغىناق تاغاق يېزىقى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لارى ئېلىسوننىڭ ئوغلى

لارى ئېلىسون فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 6- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. داۋىد ئېلىسون 29 ياش، لارى ئېلىسوننىڭ كىنو چولپىنى ئوغلى. لارى ئېلىسون چىغىناق تاغاق يېزىقى شىركىتىنىڭ بىرلىكتە قۇرغۇچىسى، ھازىر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى.

 

ئانتونى ئارنوت، LVMH شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېرنارد ئارنوتنىڭ ئوغلى

بېرنارد ئارنوت فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدە 4- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بايلىقى 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. لوئىس ۋۇيتون شىركىتىنىڭ ئالىي ئالاقە ئەمەلدارى بولغان ئانتونى ئارنوت كەلگۈسىدە دادىسى بېرنارد ئارنوتقا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ تىپتىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇم شىركىتى بولغان LVMH شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇشقا تەربىيەلەنمەكتە.

 

ئاماندا خېرىست، تاراتقۇ ماگناتى ۋېلليام راندوف خېرىستنىڭ ئەۋرىسى

ئاماندا خېرىستنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە بەش كىشىنىڭ بايلىقى بىر مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. 28 ياشقا كىرگەن ئاماندا خېرىست قىممىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان خېرىست گۇرۇھىنىڭ ۋارىسى، ئۇ بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت تارىخى كەسپىدە ئوقۇغان. گەرچە ئاماندا خېرىستنىڭ ئاتا- ئانىسى مىلياردېرلار تىزىملىكىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئاماندا خېرىستنىڭ بەش نەپەر تۇغقىنى فوربېسنىڭ يەر شارى بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن.

 

(بۇ ماقالىنى بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورىنىڭ قارىمىقىدىكى باش بەلگە ناملىق ئىجادىيەت سۇپىسى تەييارلىغان)



ئالدىنقى مەزمۇن: مالىيە پىشاڭى: ئەقىللىك ئادەملەرنىڭ ۋەيران بولۇشتىكى بىردىنبىر يولى
كېيىنكى مەزمۇن: فۇشىڭ دورىگەرلىكى ھىندىستاننىڭ دورىگەرلىك شىركىتىنى سېتىۋالدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号