ss ss ss ss

خەلقئارا نېفىت باھاسى نېمە ئۈچۈن مۇقىم ھالەتتە بولدى؟
2016-06-06 13:41:57   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


جۈمە كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى مۇقىم ھالەتتە تەۋرەندى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى ھەر باكى 50 دوللار ئەتراپىدا بولدى، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئېچىلغان نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) يىغىنىدا مەھسۇلات مىقدارى نىشانىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان. 

OPEC تۈنۈگۈن يىغىندا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى توغرىسىدا ئېنىق تەدبىر قوللىنىش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىدى، سەۋەبى ئىران مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى چوڭ دائىرىدە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرغان بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان جازاغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كەتكۈزۈپ قويغان بازار ئۈلۈشىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى. 

تەھلىلچىلەر يەنىلا بۇ قېتىملىق يىغىندىن ئاكتىپ تەرەپنى كۆردى، مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆزىنى بېسىۋېلىش ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. 

سەئۇدى ئەرەبىستان بازارغا تەمىنلەشنى ئاشۇرماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكتىن، بۇ نېفىت باھاسىغا تىرەشلىك ھاسىل قىلغان، بۇ بەلكىم نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. 

گەرچە يىغىندا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەھلىلچىلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ئىككى كونا رەقىبلەردىن  ئىككىلىسى يىغىنىدا ئۆزىنىڭ نىشانىغا يەتتى دەپ بىلدۈردى. 

فرانسىيە پارىژ بانكىسىنىڭ ئېيتىشىچە، " ئىككى دۆلەت ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ ئاساس مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئىراننىڭ مەھسۇلات مىقدارى يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى، سەئۇدى ئەرەبىستان باھا ئارقىلىق بازارنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويماقچى." دەپ ئېيتتى. 

بېيجىڭ ۋاقتى 16:01 دە، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.10 ئۆسۈپ، 50.08 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.04 ئۆسۈپ، 49.19 دوللار/باك بولدى.

ئەسكەرتىش:

ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛

بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى6.5793يۈەن؛

ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز  ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ؛

ئالاقىلىشىڭ: 8588854-0991 ، 8588824-0991  ، 400-600-7242

 


ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى




ئالدىنقى مەزمۇن: بۈگۈنكى ئومۇمىي بازار ئەھۋالى
كېيىنكى مەزمۇن: بازار دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا مەھسۇلات مىقدارىغا قارىتىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号