ss ss ss ss

«جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ رايونى پائالىيىتى باشلاش مۇراسىمى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلدى
2016-05-21 18:28:34   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 ئۆز خەۋىرىمىز: 19-ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى ـــ قەشقەر سىزنى قارشى ئالىدۇ›› پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  باشلاش مۇراسىمىدا تۈمەن كىشىلىك ئۇسسۇل ئوينالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دارۋازلىق، توي مۇراسىمى پائالىيىتى، دوپپا سېرىك ئويۇنى، بېزەك ئاپتوموبىل سەيلە پائالىيىتى، يىپەك يولى كارۋىنى، ئامما ئۇسسۇل سەھنىسى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 19-ماي ساياھەت كۈنى پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى شۇ كۈنىدە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۈتۈن شەھەر بويىچە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلغان، كۆپ قىسىم ساياھەت مېھمانخانىلىرى باھادا %20 ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان، قەشقەردىكى ساياھەت كوپېراتىپلىرىمۇ ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.


ئالدىنقى مەزمۇن: چەتئەل تاراتقۇلىرى باھالاپ چىققان 2016-يىللىق ئەڭ گۈزەل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو ساياھەتكە تايىنىپ 12 مىليون ئادەمنى نامراتلىقتىن يۆلەيدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号