ss ss ss ss

ھىلارى بىلەن ساندېرىس دېموكراتلار پارتىيىسى زۇڭتۇڭ نامزاتى رىقابىتىدە داۋاملىق كۈچ ئېلىشماقتا
2016-05-21 18:23:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە، دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپتە، ھىلارى كېلىنتون پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچىنچى مەيدان سايلامنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەرەپتە، سايلامغا قاتناشقان ترامپ شەرقتىكى بەش شتاتنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى، ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا غەربىي ۋىرگىنىيە شتاتى بىلەن نېبراسكا شتاتىدىكى سايلىغۇچىلار 10-چېسلا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بىلەت تاشلاش سايلىمى ئېلىپ بارغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ھىلارى كېلىنتون بىلەن ساندېرىس غەربىي ۋىرگىنىيە شتاتىدا رىقابەتكە چۈشتى، ھىلارى سايلام ئالدىدىكى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە كىچىككىنە ئەۋزەللىك بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.

   بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر شتاتتىكى سايلىغۇچىلار سايلامدا يەنە يېڭى شتات باشلىقى ۋە بىر نەپەر كاندىدات ئالىي سوت مەھكىمىسى سوتچىنى سايلاپ چىقىدۇ.

   شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى تۇنجى بېكەت ئىئوۋا شتاتىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلار يىغىنى باشلىنىپ بىر كۈن بولغاندا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى ساندېرىس ئىئوۋا شتاتى مەركىزى دېس موينېستا سايلىغۇچىلارنى مايىل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

    جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرى غەربىي ۋىرگىنىيە شتاتى بىلەن نېبراسكا شتاتىدا دەسلەپكى بىلەت تاشلاش ئېلىپ باردى، ترامپ ئاخىرىدا بىردىنبىر نامزات بولۇپ تەۋسىيە قىلىندى. ساندېرىس ئۈچ ئاي ئىچىدە نېبراسكا شتاتى دېموكراتلار پارتىيەسى پارتىيە-گۇرۇھلار يىغىنىدىكى سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشتى.

   ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھىلارى پارتىيە ئىچىدىكى نامزات تاللاش رىقابىتىدە ئېرىشكەن پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىلەت سانى ساندېرىسنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، لېكىن ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا غەربىي ۋىرگىنىيە شتاتىدا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. بۇ كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان شتات ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ كۆمۈرگە بولغان يېڭى چەكلىمىسى ھەمدە ئامېرىكا سانائىتىدىكى تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ ئېشىپ بېرىش خىرىسىغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان.

   بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە ھىلارىنىڭ ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئەسكەرتىپ دېگەن سۆزى «نۇرغۇنلىغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىشسىز قىلىشى ۋە كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ تاقىلىپ قىلىشى»غا سەۋەبچى بولۇپ قالغان. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە يىغىندا قىلغان سۆزلىرى ئۈچۈن بۇ شتاتتىكى سايلىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراپ، بۇ سۆزلەر مېنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىمنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دېدى. ئۇ يەنە: «مېنىڭ سىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغىنىم بولسا مەن بارلىق تىرىشچانلىقىم بىلەن كۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ بېرىشى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىمدىن ئىبارەت.» دېدى.


ئالدىنقى مەزمۇن: سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىشكە قەسەم قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 17 مىليارد فوندىستېرلىڭ زىيان سالىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号