ss ss ss ss

ئالتۇن بازىرى داۋاملىق چۈشۈۋاتىدۇ
2016-05-21 18:12:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس بايلىق يىغىنىدا زور بېسىمدا چوڭ دائىرىدە چۈشكەندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى يەنى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاسىيا بازىرىدىكى ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ، يەنىلا 1260 دوللار / ئۇنسىيە چۈشۈش سەۋىيىسىگە بولغان. ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرلىگەن ئېشىش ئالتۇن بازىرىغا داۋاملىق بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. 

ئامېرىكا زاپاس بايلىق ئىدارىسى ئېلان قىلغان 4-ئايلىق يىغىن مەزمۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە تەدبىر بەلگىلگۈچىلەر كەلگۈسىدە يېتەرلىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشش ئېرىشەلمەسلىك ئۈچۈن 6-ئايدا ئۆسۈم ئۆسۈش تەمىنلىگەن ئاساس بويىچە كۆپ خىل كۆز قاراشلارنى ئىپادىلىگەن. بىراق ئەگەر ئىقتىساد يۈزلىنىشى يول قويسا 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە نەپەر تەدبىر بەلگىلگۈچىلەرنىڭ قارشىچە ئامېرىكا ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خەتەر نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشقان، باشقا كۆپ ھەيئەتلەرنىڭ قارشىچە خەتەر نىسبەتەن تۆۋەنلىگەن.

قىسمەن تەدبىر بەلگىلگۈچىلەر پۇل مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن توغرا باھا بېرەلمەي 6-ئايدا ئۆسۈم ئۆسۈش نىسبىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا زاپاس بايلىق ئىدارىسى بىلەن ئېنىق ئالاقىلىشىپ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى تەكىتلەيدۇ. كۆپ ساندىكى ئامېرىكا زاپاس بايلىق ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ قارشىچە ئەگەر سانلىق مەلۇماتلار داۋاملىق ئىككىنچى پەسىللىك GDP بىلەن ئۆرلىسە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە پۇل پاخاللىقىنى داۋاملىق ئۆرلەش يۈزلىنىشى بىلەن بىردەك بولىدۇ، 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇلۇشى ياكى مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.

پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1254 دوللار/ ئۇنسىيە يېقىنلىشىپ، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.

بېيجىڭ ۋاقتى 13:36 دە، نەق پۇل ئالتۇن باھاسى 1255.82 دوللار/ ئۇنسىيە بولدى.

ئەسكەرتىش:

ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛

بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5531يۈەن؛

ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز  ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ؛

ئالاقىلىشىڭ: 8588854-0991 ، 8588824-0991  ، 400-600-4272

 


ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى




ئالدىنقى مەزمۇن: نوكىيا بىلەن شاڭخەي بېيئېر بۇ يىل يازدا بىرلىشىشنى تاماملىماقچى
كېيىنكى مەزمۇن: زاپاس مىقدارىغا بولغان ئېھتىياج كۈچىيىپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号