ss ss ss ss

مۇسلېي: بىرادلېي پاككىيۇئاۋنى يېڭىپ ھەمجىنىسلارنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىدۇ
2016-04-10 15:07:12   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مۇشۇ ھەپتە يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن، فىللىپىن خەلقىنىڭ پەخىرى ماننى پاككىيۇئاۋ لاسۋىگاستا بىرادلېي بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىدۇ. ئىككى بوكسچى بۈگۈن بەدەن ئېغىرلىق ئۆلچەش مۇراسىمىنى تاماملاپ بولدى. پاككىيۇئاۋنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 145.5 قاداق، بىرادلېينىڭ 146.6 قاداق، ھەر ئىككىلا بوكسچى بەلگىلەنگەن 147 قاداق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىدى، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان قىززىق نۇقتلىق چوڭ جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى كۆپلىگەن بوكس شاھلىرى بۇ مۇسابىقىگە بولغان پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيەلىك بوكس شاھى Khan مۇنداق دېدى: «ماننى پاككىيۇئاۋغا ئامەت تىلەيمەن، ئۈچىنچى قېتىملىق بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى مۇسابىقىگە يېقىنلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. پاككىيۇئاۋ بۇ قېتىممۇ كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلدى، ئۇ تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىپ بۇ جەڭدە غەلبە قىلالامدۇ؟ بىرادلېي يېقىندا مەشقاۋۇل ئالماشتۇردى، ھەر ئىككىلا بوكسچىنىڭ ماسلىشىشىغا بىر مەزگىل كېتىدۇ، لېكىن پاككىيۇئاۋدا مەسىلە يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن».

ئىلگىرى ئۈچ تۈردە دۇنيا بوكس شاھى شەرىپىگە ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق موسلېي ئۆزىنىڭ ۋەتەندىشى بىرادلېينىڭ يېڭىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا  بىرادلېينىڭ «ھەمجىنىس» كىشىلەر توپىنى كەمسىتىپ سۆز قىلغان پاككىيۇئاۋنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇسلېي مۇنداق دېدى: «ماننى پاككىيۇئاۋنىڭ ھەمجىنىس كىشىلەرنى كەمسىتىدىغان سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندىم، گەرچە مەشقاۋۇل روچقا قايىل بولساممۇ (پاككىيۇئاۋنىڭ مەشقاۋۇلى) بىراق بىرادلېينىڭ بۇ قېتىم پاككىيۇئاۋنى ئۇرۇپ يىقىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، مۇبادا بىرادلېي بۇنداق قىلالمىسا، ئۇ چاغدا مەن پاككىيۇئاۋ بىلەن تۇتۇشۇشنى خالايمەن».

مۇسلېي يەنە مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدە ۋە دوستلرىم ئىچىدىمۇ ھەمجىنىس كىشىلەر بار، پاككىيۇئاۋنىڭ بۇ سۆزى ئېشىپ كەتتى، بۇ مۇسابىقىنى چوقۇم نەق مەيداندىن كۆرىمەن، پاككىيۇئاۋنى كۆرسەم ئۇنىڭغا بىرادلېي تەرىپىدىن كۈچلۈك زەربە بىلەن KO بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىمەن، ھەمجىنىس كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئويناشنى خالايمەن، ئۇ ھەمجىنىس كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشنى قەتئىي بىلمەيدىكەن». يېقىندا فىلىپپىن ئالىي پالاتا ئەزا سايلىمى رىقابىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان پاكىيۇئاۋ بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھايۋانلاردىمۇ ھەمجىنىسلار يوق، شۇلار جېنىدا ئەر-ئايال دەپ ئايرىيدۇ، بىراق كىشىلەردە ھەمجىس بار، شۇڭا ئۇلار ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ» پاككىيۇئاۋنىڭ بۇ سۆزى دۇنيادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ قويغان.    




ئالدىنقى مەزمۇن: ئالابا توپ ئۇردى، بايرىن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا غەلىبە قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ھۇجۇم-مۇداپىئە سېپىدا ئىككى سەردار يوق، تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ رەقىبىنى يېڭىشى تەس

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号