ss ss ss ss

ئىكاردى توپ ئۇردى، خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا غەلىبە قىلدى
2016-04-10 15:06:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:00 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قارا كۆك قوشۇن خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا فروسىنونې بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا، خەلقئارا مىلاندىن ئىكاردى كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 80-مىنۇتىدا، فروسىنونېدىن بىلانچارد بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى سېرىق كارتىغا ئېرىشكەچكە، باش رېپىر قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چىقىرۋەتتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا 1-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باش رېپىر 9 سىرىق كارتا ۋە 1 قىزىل كارتا چىقاردى.




ئالدىنقى مەزمۇن: جىياڭسۇ سۇنىڭ مېھمان مەيداندا خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىنى يەڭدى
كېيىنكى مەزمۇن: پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ كىرىمى قەيەردىن كېلىدۇ؟

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号