ss ss ss ss

رونالدونىڭ ھەقىقىي يۆتكىلىش باھاسى ئاشكارىلاندى
2016-01-28 02:05:14   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى ماركا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان ھەقىقىي يۆتكىلىش باھاسى 100 مىلىيون 470 مىڭ ياۋرۇ بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسى ۋېلىشلىق چولپان بېلنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەمدە دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت يۆتكەلگەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ۋېلىشلىق چولپان بېلنىڭ يۆتكۈلۈش باھاسى ئاشكارلانغان، ئۇنىڭ يۆتكۈلۈش باھاسى 99 مىلىيون 700 مىڭ ياۋرۇ بولغان، ئەينى ۋاقىتتا بېلنىڭ يۆتكۈلۈش باھاسى رونالدونىڭكىدىن يۇقىرى بولغان دەپ خەۋەر قىلىنغان. بىراق ماركا گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، رونالدونىڭ يۆتكۈلۈش باھاسى ئۈچ پەسىلگە بۆلۈپ تۆلەنگەن، ئومۇمىي يۆتكۈلۈش باھاسى 100 مىلىيون 470 مىڭ ياۋرۇ بولغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، رونالدو بېلدىن ئېشىپ، پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قىممەت يۆتكەلگەن توپچى بولۇپ قالغان.



ئالدىنقى مەزمۇن: مېسسىنىڭ بۇنداق ئەسەبىي مەستانىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: رونالدو يەنىلا ياۋرۇپا بويىچە بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号