ss ss ss ss

ۋانگال ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوللاندىيەگە قايتتى
2016-01-28 01:58:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنىدىكى ساھىبخان مەيدان مەيدان مۇسابىقىدە جەنۇبى ئامپىتونغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ۋانگال ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاۋال ئۆيۈڭگە قايتىپ، ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بولغاندا قايتا پاراڭلىشايلى دېگەن. ۋانگال گوللاندىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سەيشەنبە كۈنى سۆھبەتلىشىدۇ. 

ئالدىنقى ھەپتە شەنبە كۈنى، ۋانگال تۇنجى قېتىم تاراتقۇلار ئالدىغا ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى، توپخۇمارلارنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى. 64 ياشلىق بوۋاي يۇقىرى قاتلامغا ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مانچېستىر بىرلەشمىسىنى ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۇنىڭ گوللاندىيەگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشىنى ئېيىتتى.

مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەيدىۋۇدمۇ ئويلىنىش ۋاقتىغا مۇھتاج، چۈنكى ئۇ ئەڭ خالىمايدىغان ئىش دەل پەسىل ئوتتۇرىدا ترېنېر ئالماشتۇرۇش؛ ناۋادا راستىنلا ترېنېر ئالماشتۇرسا ئۇ چوقۇم يازغىچە ساقلاپ ئاندىن قارار چىقىرىشى كېرەك. ناۋادا مانچېستىر بىرلەشمىسى جۈمە كۈنىدىكى ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە دېربى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويسا ئۇنداقتا ئۇ ۋانگال بىلەن ئىشتىن بوشىتىلىشتا بىردەكلىككە كېلىشى مۇمكىن. 

ئەيدىۋۇد تولۇق ھوقۇق بىلەن ۋانگالنىڭ كەلگۈسىنى قارار قىلىدۇ، بىراق ئۇ دائىم جوئى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، ھازىرقى دېرىكتورنىڭمۇ ۋانگالغا قارىتا ئويى ئېنىق ئەمەس. بىراق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى ئەيدىۋۇد قانداق قارار قىلسا گىلەيزېر جەمەتى يۈز پىرسەنىت قوللايدۇ. 

ئالدىنقى مەزمۇن: جوردان بۇ سۈرەتلەرنى كۆرسە ئاچچىقلىنارمۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: بۇففۇن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号