ss ss ss ss

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن خۇلاسە
2015-11-02 17:36:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن خۇلاسە: خېڭدا چېمپىيون بولدى، گوئەن ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالدى

  نۇر تورى تەرجىمىسى:

  دىيارىمىز ۋاقتى 31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 تە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى سەككىز مەيدان مۇسابىقە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى، 90 مىنۇتلۇق جىددىي ئېلىشىشتىن كېيىن بۇ پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، بۇ پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى، كېيىنكى پەسىلدىكى ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كوماندىلار ۋە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلار بىرمۇ-بىر ئىگىسىنى تاپتى.


 

  2015-مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى— گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى

  2016-مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كوماندىلار: گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى، شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى، پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى (جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ياكى شاڭخەي لۈدى شېنخۇا كوماندىسى)

             ياكى    

  2015-مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلار:

  شاڭخەي شېنشىن كوماندىسى ۋە گۈيجۇ رېنخې كوماندىسى

  2015-مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن:

  ئالويسىيو  22 توپ  (شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى ئەزاسى)

  2015-مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يەرلىك ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن:

  ۋۇ لېي   14توپ  (شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ئەزاسى)

  2015-مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەن A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كوماندىسى:

  يەنبيەن چاڭبەيشەن كوماندىسى، بىكىتىلىش ئالدىدا تۇرغان كوماندا(خېبېي خۇاشيا بەخت كوماندىسى ياكى دالىيەن ئاربىن كوماندىسى)

              ياكى      

  جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى 17:30 دا « 2015-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» خۇنەن چاڭشادا ئۆتكۈزىلىدىكەن. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى چاڭشاغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەت كوماندىسى چاڭشادىكى خېلوڭ مەيدانىدا بۇتان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندا، دۆلەت كوماندا ئەزالىرىنىڭ شەھەر ئاتلاپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا تەسىر يەتمەيدىكەن.


ئالدىنقى مەزمۇن: بوكس ماھىرى مايۋەزىر كېچىلىك كۇلۇبتا تۇتاملاپ پۇل چاچتى
كېيىنكى مەزمۇن: خېڭدانىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون بولۇشى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号