ss ss ss ss

ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھىرلار سېپى تاللاپ چىقىلدى
2015-10-23 02:14:27   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھىرلار سېپى تاللاپ چىقىلدى:

 مۇللېر، لېۋەندوۋسكىلار تاللاندى

\

  نۇر تورى تەرجىمىسى:

  ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان بولۇپ، ياۋروپا لوڭقىسى ئورگان تەرەپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باسقۇچىدىكى ئەڭ ياخشى توپچىلار سېپىنى باھالاپ تاللاپ چىقتى.

  ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باسقۇچىدا، لېۋەندوۋسكىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان بولۇپ، 10 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ، ساقلىنىپ كەلگەن ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى، پولشا كوماندىسىمۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، بىۋاستە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى. بۇ سەپكە تاللانغانلار ئىچىدە يەنە لېۋەندوۋسكى بىلەن بىر كۇلۇبتا توپ تېپىدىغان مۇللېر بولۇپ، بۇ گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچى توققۇز توپ كىرگۈزۈپ لېۋەندوۋسكىدىن كېيىنلا تۇردى.

  ۋېلس، شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋە ئىسلاندىيەلەر تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلىگەن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە كۆرسەتكەن بالې، داۋىس ۋە سىگۇردسون قاتارلىقلارمۇ بۇ چولپانلار سېپىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

  ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى توپچىلار سېپى:

   قاپقىچى: كۇرتۇۋا (بېلگىيە)

  مۇداپىئەچىلەر: رات (رۇمىنىيە)، كاخىل (ئېنگلاند)، ۋىلليامس (ۋېلس)، دارمىيان (ئىتالىيە)

  ئوتتۇرا مەيدان: ئالابا (ئاۋستىرىيە)، داۋىس (شىمالىي ئرېلاندىيە)، سىگۇردسون (ئىسلاندىيە)

  ھوجۇمچىلار: بالې (ۋېلس)، لېۋەندوۋسكى (پولشا)، مۇللېر (گېرمانىيە)

  زاپاس ئەزالار: تاتارۇسانۇ (رۇمىنىيە)، ئالبا (ئىسپانىيە)، گلىك (پولشا)، خامسىك (سلوۋاكىيا)، پېرىسىچ (كرودىيە)، دې برۇينى (بېلگىيە)، زيۇبا (رۇسىيە).

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

ئالدىنقى مەزمۇن: كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئۆيىدىكى «كىچىك خائىن»
كېيىنكى مەزمۇن: بارسېلونا ۋان پېرسىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号