ss ss ss ss

ئېنگلاند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلدى
2015-10-12 15:19:36   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر 2:45تە، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى E گۇرۇپپىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئېنگلاند كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئېستونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئېنگلاند كوماندىسى ئېستونىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە، بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي تولۇق غەلبە قىلغان، ھەمدە يەتتە توپ كىرگۈزگەن. مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يېڭىلىغان مانچېستىر بىرلەشمىسى توپچىسى رۇنېي ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.


ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 45-مىنۇتىدا ئېنگلاند كوماندىسى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئارسىنال كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان كىچىك يولۋاس ۋولكوت بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئېنگلاند كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېينكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا، مانچېستىر شەھرىدە توپ تېپىدىغان توپچى سىتېرلىڭ بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئېنگلاند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلدى، شۇنداقلا ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلبە قىلىپ، بىر ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقتى.


ئالدىنقى مەزمۇن: ئىسپانىيە كوماندىسى غەلبە قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئارگېنتىنا توپ مەستانىلىرى مېسسىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تىلەك تىلىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号