ss ss ss ss

كلوپ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۆت چوڭ مەسىلە
2015-10-12 15:18:33   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

كلوپ جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك تۆت چوڭ مەسىلە


نۇر تورى تەرجىمىسى: «قىزىل ئارمىيە» توپ مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن گېرمانىيىلىك داڭلىق مەشقاۋۇل كلوپ ئاخىرى كەلدى. ئۇلار شادلىق ئىلكىدە تۇرغان مۇشۇ پەيىتتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئازراق سوغۇق سۇ سىپىپ قويايلى. تۆۋەندە كلوپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك تۆت مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز.

  1، «ئېغىر مېتال» پۇتبولىنىڭ مەسىلىسى

  كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، كلوپنىڭ ھوجۇمغا ئىنتىلىدىغان پۇتبول پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يۇقىرى ئورۇندا توپ تالىشىش، يەنى ئۇنىڭ كوماندىسى توپنى تاتقۇزۇپ قويغان ئەھۋالدا، دەرھال نەچچە ماھىر بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، مەيداننىڭ كەڭلىك دائىرىسىمۇ كىچىكلەپ، شۇ ئارقىلىق كۆپ سانلىق ماھىر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن ئاز ماھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ توپنى تارتىۋىلىشىغا شارائىت ھازىرلاش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قارشى تەرەپ مۇداپىئە رايونىغا بۆسۈپ كىرىشكە ماھىر بولغانلىقتىن، كلوپنىڭ باشقۇرىشىدىكى كوماندىنىڭ ھوجۇمى كۈچلۈك بولغان ئۈنۈمدارلىق ۋە كۆرۈش قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇددىي دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمىغاندەك، ھەرقانچە ئېسىل تاكتىكىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كەمچىللىكى بولىدۇ، يۇقىرى ئورۇندا توپ تالىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىز تەرىپى شۇكى، ناۋادا قارشى تەرەپنى قورشىغان ئەزالار توپنى تارتىۋالالماي قالسىلا، ئۆز تەرەپ يېرىم مەيدانىدا ئىنتايىن چوڭ بوشلۇق قالغانلىقتىن، قارشى تەرەپ ئاسانلا بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ، بۇ ئاجىزلىقىنى كلوپ دورتموندتا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان چېغىدىكى مۇسابىقىلەردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا دورتموند يوقىتىپ قويغان كۆپ قىسىم توپلارنى ئاساسەن رەقىبلىرى تېز سۈرئەتلىك قايتۇرما ھوجۇم ئارقىلىق كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى دورتموندنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىىئەچىلىرى خۇممېلس ۋە سۇبوتىچ كۆپىنچە ھالەتتە يالغۇز ھالەتتە رەقىبىنىڭ ھوجۇم قىلىشىغا ئۇچرىىشى ياكى ۋاراتارنىڭ ئالدىدىن جاپالىق ھالەتتە توپنى قۇتقۇزۇپ قېلىشلىرى يۇقىرىقى قاراشقا ئېنتايىن ياخشى ئىسپات بولالايدۇ. شۇڭلاشقا بۇخىل تاكتىكا ئوتتۇرا مۇداپىئەچىلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ بەك ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، كلوپ دورتموندتا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرقى پەسىلدە، كوماندىنىڭ ھوجۇم تەشكىللىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن بۇ خىل تاكتىكىنىڭ ئاجىزلىقى تېخىمۇ چوڭ دەرىجىدە ئاشكارە بولغان. ئەمدى لىۋېرپۇلغا كەلسەك، بۇ كوماندىدىكى ئوتتۇرا مۇداپىئەچىلەردىن سكېرتلنىڭ يېشى چوڭلاپ قالدى، لوۋرېننىڭ سۈرئىتى ئانچە تېز ئەمەس، ساكخونىڭ سۈرئىتى گەرچە يامان ئەمەس بولسىمۇ لېكىن يېڭى مەشقاۋۇلنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى بىر چوڭ مەسىلە. ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز، داڭلىق مەشقاۋۇللار ئاز ئەمەس، پاردۇ، پۇلىس قاتارلىق مەشقاۋۇللار رەقىبىنىڭ ئاجىز نوقتىسىنى تۇتۇشقا تولىمۇ ماھىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىكى توتتېنخام خوتسپۇر كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بوئاسمۇ دەل مۇشۇنداق يۇقىرى ئورۇندا توپ تالىشىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئىشلەتكەن ئېدى، ئەپسۇس، كوماندا سېپىنىڭ توختىماي خاتالىق سادىر قىلىشى ۋە پۈتۈن كوماندىنىڭ بۇ تاكتىكىغا ماسلىشالماسىلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقىدە ئۈزلۈكسىز توپ يوقىتىپ قويۇپ، ئاخىرىدا ئۇ كۇلۇبنىڭ ئىشتىن بوشىتىۋىتىشىگە ئۇچرىغان ئېدى. لىۋېرپۇلنىڭ مۇداپىئە سېپىدىمۇ دائىم خاتالىق سادىر بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يېڭى مەشقاۋۇل ئەگەر «قىزىل ئارمىيە» دە ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلىسا، مۇداپىئەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر.

  2، مۇسابىقە سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، مۇسابىقىنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى

  كلوپ دورتموندقا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرقى پەسىلدىكى نەتىجىسىنىڭ ناچار بولىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بولسا كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ يارىلنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر بولغان، بۇ پەسىل باشلىنىشتىن ئاۋال دورتموندنىڭ ئەزالىرى ئاللىقاچان تۆت-بەش يىل ئۇدا كلوپنىڭ « ئېغىر مىتال» پۇتبول تاكتىكىسى ئاستىدا توپ تەپكەن بولۇپ، جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى ناھايىتى ئېغىر بولغان. ئەمەلىيەتتە، نورغۇن ماھىرلار كلوپ مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرقى ئىككى پەسىلدىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئامالسىز قالغان ئېدى. ھازىر كلوپ مۇسابىقە سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، مۇسابىقىنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كەلدى، شۇڭا چوقۇم كوماندىنىڭ ھەددىدىن زىيادە جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللىرىدىن چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسېنال دەل ئەزالارنىڭ توختىماي يارىلىنىشى سەۋەبلىك چېمپيونلۇق تالىشىش جەريانىدا ئامالسىز توختاپ قالغان.

  3، تاكتىكىغا ماسلىشىش:

 كلوپ دورتموندتا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ۋاقىتتا، بىر مىلىيون 300 مىڭ ياۋرو مەبلەغ سەرپ قىلىپ footbonaut دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنىنى بەرپا قىلغان ئېدى، دەل مۇشۇ ئۈسكۈنە ئەينى ۋاقىتتىكى دورتموندنىڭ تېز سۈرئەتلىك ھۇجۇم-مۇداپىئە ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان سىرلىق ئۈسكۈنە دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا، توپچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە توپ بىر تەرەپ قىلغان ئەھۋالدىكى پۇت ماھارىتىنىىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى مەشقلەندۈرۈش ئىكەن. كلوپ بۇ ئۈسكۈنىنى لىۋېرپۇلغا ئېلىپ كەلدىمۇ يوق ھازىرچە بۇنى بىلمەيمىز، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بىر پاس بىلەن توپ يەتكۈزۈش كلوپنىڭ تاكتىكىسىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئۆتكەن نەچچە يىلدا روجېرس ماھىرلارغا بۇ جەھەتتىن مەشىق ئېلىپ بارمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەريىلى نۇرغۇن يېڭى ماھىرلارنى يۆتكەپ كەلگەن بولغاچقا، ماھىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش دەرىجىسى جەھەتتىمۇ ئەينى چاغدىكى دورتموند بىلەن بەلگىلىك پەرق بار، ھەم كلوپ بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىپ بولغان يېرىم يولدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاچقا، كوماندىنىڭ ھالىتىنى تەڭشەشكە كۆپ ۋاقتىمۇ يوق. لىۋېرپۇلنىڭ ماھىرلىرى كلوپنىڭ يېڭى تاكتىكىسىنىڭ ھەيۋىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە نامايەن قىلالايدۇ، بۇ مەسىلە چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك.

  4، لىۋېرپۇل دورتموندنىڭ كونا ئىزىغا دەسسەپ قېلىشى مۇمكىن

  كلوپ دورتموندقا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرقى پەسىلدىكى نەتىجىسىنىڭ ناچار بولىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ يارىلنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر بولغاندىن باشقا، يەنە بىر چوڭ سەۋەب شۇكى، كوماندىنىڭ ماھىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ياخشى ماھىرلارنى كوماندىدا قالدۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغان. سېرىق ھەرە ئىلگىرىكى ئەزا ئالماشتۇرۇش بازىرىدا توختىماي داڭلىق كوماندىلارنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئالدى بىلەن خانلىق مادرىد ساخىننى سېتىۋالىدۇ، ئارقىدىنلا مانچېستىر بىرلەشمىسى كاگاۋانى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن گوتزې ۋە لېۋېندوۋسكى بايېرن ميۇنخىنغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گوتزې ۋە لېۋەندوۋسكىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى، دورتموندنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولدى. ئوخشاشلا مەسىلە لىۋېرپۇلدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، يېقىنقى يىللاردىكى لىۋېرپۇلنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ، سۇئارېز، ستېرلىڭ قاتارلىق غوللۇق ئەزالار ئوخشاشلا باشقا كۇلۇبلارنىڭ تارتىپ كېتىشىگە ئۇچرىدى. قوشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان، موللامنىڭ ئوتيېشى دېگەندەك، لىۋېرپۇل ئەگەر بىرلەشمە مۇسابىقىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئويلىسا پەقەت ياخشى مەشقاۋۇلنىڭ بولىشىلا يېتەرلىك ئەمەس، كوماندىدىكى غوللۇق ئەزالارنى ساقلاپ قالالىشىمۇ بۇ يەردىكى ناھايىتتى مۇھىم ۋەزىپە. ياخشى يېرى شۇكى، لىۋېرپۇلنىڭ يېڭى ئەزالارنى يۆتكەپ كېلىش ئىقتىدارى دورتموندتىن كۆپ يۇقىرى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئېكسپېدىتسىيىچىلەر كوماندىسى قەھرىمانلار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: WWE چولپانلىرىنىڭ تۇنجى خىزمىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号