ss ss ss ss

بۈگۈن ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە مەيدان مۇھىم مۇسابىقىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
2015-10-09 20:55:21   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈن ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە مەيدان مۇھىم مۇسابىقىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 

قاتار 0:1 جۇڭگو

 

 دىيارىمىز ۋاقتى 8-ئۆكتەبىر سائەت 21:30 دا، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونلۇق تاللاش مۇسابىقىسى C گۇرۇپپا بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى مېھمان مەيدان دوگادا، بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى قاتار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 22-مىنۇتتا، قاتار كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى بوۋدىياف كاللا توپ ئارقىلىق نومۇرغا ئېرىشىدۇ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا، ئىككىلى تەرەپ ئاز بولمىغان نومۇرغا ئېرىشىش پۇرسىتى ياراتقان بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسى تەرەپ نومۇرغا ئېرىشەلمەي، نەتىجىدە 90مىنۇتلۇق جاپالىق مۇسابىقىدىن كېيىن قاتار كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىدۇ، بۇمەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ رەقىبى بىلەن بولغان پەرقى بەش نومۇرغا يېتىپ، C گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاچقا، گۇرۇرپپىدىن بۆسۈپ چىقىش ئۆمۈدى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ، تېخمۇ جىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.


دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى لاتىن ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى

چىلى 0:2 برازىلىيە

  دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر سائەت 5:30 دا، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى لاتىن ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، ئالدىنقى قېتىملىق ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ چېمپيۇنى چىلى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا برازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا برازىلىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى داۋىد لۇيز يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىدۇ، 72-مىنۇتتا چىلى كوماندىسىنىڭ مەرگىنى ۋارگاس بىر توپ كىرگۈزىدۇ، 90-مىنۇتتا چىلى كوماندىسىدىكى يەنە بىر مەرگەن سانچېز يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە، چىلى كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن برازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىدۇ.

ئارگېنتىنا 2:0 ئېكۋادور

 

دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر سائەت 6:00 دە، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى لاتىن ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسى ساھىبخان مەيدان بۇئېنوس ئايرېستىكى ئابىدە مەيدانىدا ئېكۋادور كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، ئاگۇئېرو يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئىككى تەرەپ 0:0. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە، 81-مىنۇتتا، ئېكۋادور كوماندىسىدىكى ئېرازو يېقىن ئارىلىقتا كاللا توپ بىلەن ۋاراتارغا ئۇرۇپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ، بىر مىنۇتتىن كېيىن يەنە ئېكۋادور كوماندىسىدىكى كايسېدو يەنە بىر توپ كىرگۈزىدۇ، نەتىجىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن ئېكۋادور كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالىدۇ.


ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى

گېرمانىيە 1:0 ئرېلاندىيە

  دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر سائەت 0:45 تە، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى D گۇرۇپپىدىكى ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئىرېلاندىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە گېرمانىيە كوماندىسى مۇسابىقىنى كونترول قىلغان بولسىمۇ لېكىن نومۇرغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى تۇتالمايدۇ، 0:0. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە، 70-مىنۇت 

بولغاندا، ئىرېلاندىيە كوماندىسىدىكى لوڭ بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ، نەتىجىدە گېرمانىيە كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن D گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى شوتلاندىيە ئالدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.

دوستلۇق مۇسابىقىسى

فرانسىيە 0:4 ئەرمېنىيە

  دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر سائەت 0:45 تە ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، فرانسىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئەرمېنىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان، 35-مىنۇتتا، بېنزېما گريېزمەنگە ياردەمچى پاس بېرىدۇ، گريېزمەن توپنى كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. كېيىنكى يېرىم مەيدان، 55-مىنۇتتا، فرانسىيە كوماندىسىدىكى ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى كابايې يەنە بىر توپ كىرگۈزىدۇ، 78-مىنۇت ۋە 79-مىنۇتتا، بېنزېما ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزىدۇ، ئالماشتۇرۇلۇپ مەيدانغا چىققان مارشال بىر ياردەمچى پاس بېرىدۇ، نەتىجىدە فرانسىيە كوماندىسى 0:4 نەتىجە بىلەن ئەرمېنىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: WWE ھەققىدە بىر يۈرۈش قىسقا خەۋەرلەر (14)
كېيىنكى مەزمۇن: بېنزىما يارىلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号