ss ss ss ss

«ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ چوڭ تىزىملىكى ئاشكارىلاندى
2015-10-03 11:40:11   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 \

  ئىسپانىيەدىكى بىردىنبىر بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئاخبارات ۋاستىسى «دۇنيا تەنتەربىيە  بۈگۈن مۇددەتتىن بۇرۇن 2015-يىللىق خەلقارا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ 59 كىشىلىك نامزات تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بارسېلونا، مادرىد كوماندىسى ھەر قايسىسىدىن يەتتە كىشى سايلىنىپ چىقتى، بۇففون، پىك ۋە بۇسكېسلار بۇ تىزىملىككە كىرەلمىدى.

  ئىسپانىيەدىكى بىردىن - بىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتى باھالىغۇچىسى، « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ نوپۇزلۇق تەھرىرى فرانسىسكو-ئاگۇيلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى 59 ئادەم دەسلەپكى ئىسىملىكى ئاللىبۇرۇن ئاشكارلانغان، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان بارسېلونا كوماندىسى بىلەن  خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ قېتىمقى ئەڭ كاتتا شەرەپكە ئېرىشتى، ھەر قايسىسىدىن يەتتە كىشى سايلىنىپ چىققان، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى بولغان يۇۋۋېنتۇس كوماندىسىدىن ئالتە ئادەم بۇ تىزىملىككە كىرگەن (ئۈچ ئادەم باشقا كوماندىغا يۆتكىلىپ كەتتى). 

\  \

  سۇيارىس، نېيمار، ئىنېستا، راكىتىچ، براۋو، ماسچېرانو ۋە مېسسى قاتارلىقلار بارسېلونانىڭ سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلدى؛ خانلىق مادرىد كوماندىسى كوماندىسىدىن يەتتە كىشى بۇ تىزىملىككە كىرگەن، ئۇلار بولسا كىرىستىيانو-رونالدو، بېنزېما، بىيل، خامېس، كروس، راموس ۋە مودرىچ. يۇۋۋېنتۇس كوماندىسىدىن بولسا تېۋىز، پىرلو، ۋىدال، موراتا، پوگبا ۋە چېيېلىنى قاتارلىق توپچىلار بۇ تىزىملىككە كىردى.

\

  ئەگەر بىز يۆتكەلگەن توپچى سانىنى 0.5 دەپ ھېسابلىساق، ئۇنداقتا بارسېلونا ۋە مادرىد كوماندىسى يەنىلا 7 كىشى سانى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بايرىن-ميۇنخېن بولسا 5.5  (لېۋەندوۋسكى، روبىن، ئالابا، مۇللېر، نويىر ۋە ۋىدال) بولۇپ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ يىل يازدا توپچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭراق بولغان يۇۋۋېنتۇس 4- ئورۇنغا تىزىلدى (4.5). 

\

‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىنىڭ 59 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكى

 

ئالدىنقى مەزمۇن: كېۋىن-بوئاتېڭ AC مىلان بىلەن تەڭ مەشىق قىلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: رونالدو مېسسى بىلەن ئىبرايىموۋىچتىن ئېشىپ بىرىنچى مەرگەنگە ئايلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号