ss ss ss ss

ھىندىستان پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق چولپانلار
2015-09-28 14:30:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىسدا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ كەلگۈسىدىكى بەش يىللىق ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى 80 مىليارد يۈئەن يۇقۇرى باھاغا سېتىلدى. بۇ سان ھەتتا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمىسنىڭ جۇڭگودىكى تارقىتىش ھۇقۇقى سوممىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشق بۇلىدىكى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ ھازىرقى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان. ئەمما جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئاسىيادا ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە بىردىنبىر بىرلەشمە ئەمەس، دۇنيادىكى داڭلىق توپچىلارنى يىغىۋالغان ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى جۇڭگودىن قېلىشمايدۇ. 


مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى (شەنبە) 2015-يىللىق ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ يېڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلاش مۇراسىى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇراسىمدا، توپ مەستانىلىرى كۆپلىگەن داڭلىق چولپانلارنى كۆردى. ئىلگىرى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىۋېرپول كوماندىسدا توپ تەپكەن نورۋىگيەلىك داڭلىق سول مۇداپىئەچى رېس، چېلسى كوماندىسدا توپ تەپكەن مالۇدا، رومىنىيەلىك «زەھەرىك يىلان» مۇتۇ، فرانسىيەلىك ھۇجۇمچى ئانىلكا، ئىلگىرى قورال ياراق زاۋۇتى-ئارسېنال كوماندىسدا توپ تەپكەن كىچىك ماھىر سانچېس، برازىلىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرى ئەزاسى ئېلانو ۋە لوسىئو، پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرى غوللۇق ئەزاسى پوستىگا ۋە سىمائو قاتارلىقلار مۇراسىمدا توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشى چوڭ، بىراق ئەينى چاغدا ياۋروپا سەھنسدە شۆھرەت قازانغان.


 2015-يىللىق ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ بىرلەشمىدە جەمىي سەككىز كوماندا بار، ئالدىنقى تۆتىنىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندا كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قۇيىدۇ. سودا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ھەر بىر كوماندىدا پەقەت تۆت نەپەر چەتئەللىك توپچى بولۇشىغا يول قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بر نەپەر داڭلىق توپچىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى چەكلىمىگە ئۇچىرامايدۇ. ئىلگىرى فرانسىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى تېرۇزگۇيت ۋە ئىتالىيەلىك ئىختىيارىي توپ مۇتەخەسىسى پىئېرو دەل مۇشۇ بىرلەشمىدە بىر مەزگىل توپ تەپكەن. 


توپچىلاردىن باشقا يەنە سەككىز كوماندىدىكى سەككىز مەشقاۋۇلنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئانېلكا بىر كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋە توپچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توپچىنىڭ ئىككى ۋەزىپىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيەلىك داڭلىق مۇداپىئەچى (2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا فرانسىيەلىك چولپان زىدنىنى ھاقارەتلەپ، ئاخىردا زىدانى تەرىپىدىن كاللا بىلەن يىقىلغان توپچى) ماتىررازىمۇ بىر كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەينى چاغدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا توپ تەپكەن «قىسقا پۇت يولۋاس» روبېرت كارلوسمۇ سىۋاس تەنتەربىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بۇ قېرى توپچىلار بۇ بىرلەشمىدە «يېرىم ئەمگەك» قىلىدۇ. چۈنكى ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىىنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇپ، 10-ئايدا باشلىنىپ 12-ئايدا تولۇق ئاخىرلىشىدۇ. مانا مۇشۇ ئىككى ئايلىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە يۇقۇرىدىكى داڭلىقلار يۇقۇرى ئىش ھەققىدىن بەھىرلىنىدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: WWE خۇسۇسىي بايلىق رەت-تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 25 نەپەر چولپان
كېيىنكى مەزمۇن: خان مادرىد بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号