ss ss ss ss

گابى: توپ قولۇمغا تەگكىنى راست، لېكىن ئېنىق ئورنىنى بىلمەيمەن
2016-04-14 18:35:04   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

 2016-يىلى 14-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 0:45 تە، 2015/16-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈك شاللاش ئىككىنچى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەيدان ئۇچرىشىشتا مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسىنى 2-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلىپ، 3-2 ئومۇمىي نەتىجىدە بارسېلونا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. بۇ مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ يېقىنقى 3 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا 2-قېتىم بارسېلونانى 4 كۈچلۈك مۇسابىقىدە شاللىۋېتىشى.

 مۇسابىقىدىن كېيىن مەشقاۋۇل سىمونى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بارسېلونا ھەقىقەتەن كۈچلۈك رەقىب، لېكىن بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ تۇنجى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنقى يېرىم  مەيدان مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ياخشى ئوينىدۇق، ئىپادىمىز قالتىس بولدى. بىز ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇدا 7 مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۈگۈن ئاخىرى بىر مەيدان غەلىبە قىلدۇق دېگەن. 

 سىمونى يەنە، بىز ئەزەلدىن ئىشەنچىمىزنى يوقاتمىدۇق، بىز ئەسلىدىكى پىلانىمىز بويىچە مۇسابىقىنى غەلىبىلىك ئويناپ تۈگەتتۇق. بىز كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ بولمىغۇچە ھەرگىز بوشاشمايمىز، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشىمىزمۇ، مەغلۇپ بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن، لېكىن بىز ئىزچىل ئۆز ئەقىدىمىزدە چىڭ تۇردۇق، دېگەن.

 سىمونى ياش ماھىر لۇكاسنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: لۇكاسنىڭ بۈگۈنكى بارلىق ئىپادىسى مېنى ئىنتايىن رازى قىلدى، ئۇ ئىزچىل ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشتى ۋە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتى. ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ماھىرنىڭ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن 180 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ نەتىجە قازىنىشى ئاسان ئەمەس.

 سىمونى پەسىللىك نىشانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز 3 يىلدا 2 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى 4 كۈچلۈككە غەلىبىلىك كىردۇق، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. مەن بۇندىن كېيىن غەلىبە قەدىمىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە چەكلەنگەن رايوندا توپ كاپىتان گابىنىڭ قولىغا تېگىپ رېپىر ئىختىيارى توپ ھۆكۈمى چىقارغان. مۇسابىقىدىن كېيىن گابى بۇ ئىش توغرىلىق توختىلىپ: توپ ھەقىقەتەن قولۇمغا تەگدى، لېكىن چەكلەنگەن رايون ئىچىدىمۇ ياكى سىرتىدىمۇ بىلمىدىم، بۇنداق توپقا رېپىرلار ھۆكۈم چىقىرىدۇ، لېكىن رېپىر نۇقتا توپ دەپ ھۆكۈم قىلمىدى دېدى.

 ئۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇزغۇن بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: ھازىر ئۇزغۇنلۇق توغرىلىق سۆزلەش بالدۇرلۇق قىلىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئۇزغۇن بولۇش پۇرسىتىمىز بار، شۇڭا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دېدى.

 ئىككى توپ كىرگۈزگەن ماھىر گىرېزمان مۇسابىقىدىن كېيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ ئۇچراشقىنىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك رەقىب، شۇڭا بىز مۇداپىئەنى ئىنتايىن ياخشى ئىشلىدۇق، بىز ئەڭ ئاخىرى ئۇزغۇن بولالايمىزمۇ بىلمەيمىز، لېكىن بىز ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قالتىس، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. سائۇل چىقارغان پاس قالتىس بولدى،     

نۇقتا توپنى ئەسلى سائۇل تەپسىمۇ بولاتتى، لېكىن پۇرسەتنى ماڭا ئۆتۈندى، تەلىيىمىزگە توپنى كىرگۈزدۈم، دېدى. 



ئالدىنقى مەزمۇن: زىدانى غەلىبىدىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئالاقە تورىغا يوللىدى
كېيىنكى مەزمۇن: ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئەتە چەك تارتىلىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号