ss ss ss ss

بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0-2 نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى
2016-04-14 18:33:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

zhibo8 خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 2016-يىلى 14-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 0:45 تە، 2015/16-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈك شاللاش ئىككىنچى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەيدان ئۇچرىشىشتا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 

 تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان. مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قەدەم قويۇش ئۈچۈن، ئۆز مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبى بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىشى كېرەك. مادرىد ئاتلېتىكا ئۆز مەيدانىداتوپ كەتكۈزمەي ئۇتالىسا ياكى ئومۇمىي نومۇردا غەلىبە قىلالىسا بىۋاسىتە 4 كۈچلۈككە كىرەلەيدۇ.

بارسېلونا كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ماھىرلار: تېرىستېگېن، بىراۋو، ماسىپ، دوگلاس، پىك، راكىتىچ، بۇسكىس، ئالۋېس، ئاردا تۇران، ئىنېستا، سۇئارېز، مېسسى، نېيمار، ماسچىرانو، بارتىرا، مۇنىر، ئالبا، روبېرتو ۋە ئادرىيانو قاتارلىقلار. 

مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان ماھىرلار: ئوبلاك، خۇئان فران، گودىن، جىمېنېز، فىلىپ، لۇكاس، خېماندېز، گابى، كورك، گرېزمان قاتارلىقلار. 

 مۇسابىقىنىڭ باشلىنىپلا، پۇتبول ساھەسىدىكى ھۇجۇم كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىلىۋاتقان بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇداپىئەسى ئەڭ قاتتىق دەپ قارىلىۋاتقان مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى كەسكىن رىقابەتلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇتتىن ئازراق ئاشقاندا خۇئان فىران ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا پاس چىقاردى،  گىرېزمان توپنى ئۈسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مۇسابىقە نەتىجىسى 1-0، مادرىد ئاتلېتىكا ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

 مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا ئىككىلا كوماندا مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ كەسكىن رىقابەتلەشتى، مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا فىلىپ چەكلەنگەن رايوندا پاس بەرگەندە  ئىنېستانىڭ قولىغا تېگىپ مادرىد ئاتلېتىكا نۇقتا توپقا ئېرىشتى. گىرېزمان نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملىدى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئىككىلا كوماندا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى يارىتالماي مۇسابىقە مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مادرىد ئاتلېتىكا ئومۇمىي نومۇردا 3-2 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كوماندىسنى شاللاپ 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا غەلىبىلىك كىردى.

مۇسابىقە جەۋھەرلىرى

<iframe frameborder="0" src="http://v.qq.com/iframe/player.html?vid=s00206sqvh7&tiny=0&auto=0" width="550" height="400" allowfullscreen="true"></iframe>


مۇسابىقە تاللانما سۈرەتلىرى

 




ئالدىنقى مەزمۇن: مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېنگىلاندا ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسىدا 4 كۈچلۈككە كىردى
كېيىنكى مەزمۇن: كوبى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن زىيارەتنى قوبۇل قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号